• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    جەنۇبىي ئافرىقىدا 20 نەپەر ياش ئۈچ ھەپتىدە بىر ئايروپىلاننى قۇراشتۇرۇپ مىسىرغا باردى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:11 11-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئارزۇنىڭ كۈچى زادى قانچىلىك؟ يېقىندا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر توپ ياشلار ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق قىلغىلى بولمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوقلۇقىنى ئىسپاتلىدى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كاپېتوۋندىن ئۇچقان بىر Sling 4 ناملىق ئايروپىلان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن مىسىرنىڭ قاھىرەگە ئوڭۇشلۇق قونغان. ئەقىلغا سىغمايدىغان تەرىپى شۇكى، بۇ ئايروپىلاننى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان 20 نەپەر ياش ئۈچ ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ قۇراشتۇرۇپ چىققان، ئۇلار بۇنىڭدا ئافرىقا ياشلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىشنى مەقسەت قىلغانىكەن.

    ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى 17 ياشلىق قىز مېگان ۋارنېر تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇ قاتلاممۇ-قاتلام تاللاش ئارقىلىق، 1000دىن ئارتۇق ئىلتىماس قىلغۇچى ئىچىدىن 19 ئادەمنى تاللاپ، «U-Dream» ناملىق تۈر گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىگەن. ئۇلار بىرلىشىپ ئەسلىدە 3000 سائەتتە ئاران قۇراشتۇرۇپ بولىدىغان ئايروپىلاننى ئۈچ ھەپتىدە قۇراشتۇرۇپ چىققان.

    بۇ كوللېكتىپ ئىچىدە ئالتە ئادەمنىڭ ئۇچقۇچىلىق پىراۋىسى بار، مېگاننىڭ شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن، ئۇلار بۇ ئايروپىلاننى ھەيدەپ كاپېتوۋندىن قاھىرەگە ئۇچۇپ كەلگەن، ئۇچۇش مۇساپىسى 12000 كىلومېتىرغا يەتكەن. سۈرەتتە تۈر ئەزالىرى.


    ئەلۋەتتە بۇ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىش بىراقلا ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمىگەن. ئۇچۇش پىراۋىسى مەسىلىسى سەۋەبلىك ئۇلار بەك ئېگىز ئۇچالماي، پەقەت يەر يۈزىنى كۆرگىلى بولىدىغان دائىرىدە ئۇچقان، بۇ تەلەپ ئۇچقۇچىغا خېلى زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.


    شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېفىئوپىيە پايتەختى ئەددىسئەبېبەدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، تۈر گۇرۇپپىسى يېقىلغۇغا ئېرىشەلمىگەن، قىسقا ۋاقىتلىق كېڭىشىشتىن كېيىن، ئۇلار ئاخىرى يېقىلغۇغا ئېرىشكەن، ئەمما يېقىلغۇ ئېقىپ كېتىش مەسىلىسى كېلىپ چىققان. بۇ كاشىلا سەۋەبلىك ئايروپىلاننى پەقەت ئىككى نەپەر ئۇچقۇچى داۋاملىق ھەيدىيەلىگەن.

    مېگان زىيارەتتە مۇنداق دېدى: «مەن ئاندى بىلەن بىرگە مۇستەقىل 10 سائەت ئۇچتۇق، ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمىدۇق، پەقەت ئىككىمىزلا بەرداشلىق بەردۇق.»

    ئۇنىڭدىن باشقا مەنزىلگە يېتىپ كېلەي دېگەندە ئاۋىياتسىيە ئېلېكترونلۇق سىستېمىسىدىمۇ كاشىلا كۆرۈلگەن، مېگان قاتارلىقلار ۋاقتىنچە ئابۇ سىمبېلغا قونۇشنى قارار قىلغان. بۇ قېتىملىق قونۇش بىر قىسىم قالايمىقانچىلىقنى پەيدا قىلغان، مىسىردىكى ئالاقىدار دائىرىلەر ئۇلارنىڭ پاسپورتى ۋە ئۇچۇش پىراۋىسىنى مۇسادىرە قىلغان. تەلىيىگە تۆت سائەتتىن كېيىن ئۇلار داۋاملىق ئۇچۇش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن، ئاخىرىدا قاھىرەگە ئوڭۇشلۇق قونغان.

    ئىگىلىنىشچە، ئۇلار يېقىلغۇ، ياتاق، ئۇچقۇچى قاتارلىقلارنىڭ مەبلىغىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىر مەبلەغ توپلاش تور بېكىتىدە 350 مىڭ جەنۇبىي ئافرىقا راندى (تەخمىنەن 170 مىڭ يۈەن) مەبلەغ توپلىغان، بۇنىڭ ئۈچۈن ئايروپىلاننىڭ ئىككى قانىتىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان كارخانىنىڭ لوگوسى ۋە ئافرىقا خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن.

    مېگاننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تۈرنىڭ مەقسىتى ياشلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئافرىقىدىكى مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ياشلارغا شۇنى ئىسپاتلىماقچى، سىز پەقەت نىيەت قىلسىڭىزلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى