• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئامېرىكىدا ماروژنىنى يالاپ يەنە جايىغا قويۇپ قويغان ئەر قولغا ئېلىندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:38 09-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    توردا تارقالغان ۋىدىيونى دوراش ئادەتتىكى ئىش، لېكىن بەزى نامۇۋاپىق ۋىدىيو مەزمۇنلىرىنى دورىسا بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن. 6-ئىيۇل ئامېرىكىلىق بىر ئەر نامۇۋاپىق ۋىدىيونى دوراپ، مال جازىسىدىكى ماروژنىنى يالىغاندىن كېيىن يەنە جايىغا قويۇپ قويغان، يەنە بۇ جەرياننى سىنغا ئېلىپ ۋىدىيو ئىشلەپ تورغا يوللىغان، ئاخىرىدا ساقچىلار ئۇنى قولغا ئالغان.

    ئامېرىكا تاراتقۇسىنىڭ 8-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، 36 ياشلىق ئۇ ئەرنىڭ ئىسمى مارتىن بولۇپ، لۇيىسئاننا ئىشتاتىدىن ئىكەن. 6-ئىيۇل مارتىننىڭ ماروژنىنى يالىغاندىن كېيىن مال جازىسىغا قويۇپ قويغانلىق ۋىدىيوسى تورغا يوللانغان. ۋىدىيودا مارتىن بىر مىلىچمال دۇكىنىدا بىر قۇتا ماروژنىنى ئېچىپ، بىرنى يالىغان، بارمىقىدا ئېلەشتۈرگەن، ئاندىن ئۇنى يەنە مال جازىسىغا قويۇپ قويغان.

    خەۋەر قىلىنىشىچە، دۇكان باشقۇرغۇچىسى بۇ ۋىدىيونى بايقىغاندىن كېيىن مارتىن مىلىچمال دۇكىنىغا بېرىپ ئۇ قۇتىدىكى ماروژنىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. لېكىن مارتىن يەنىلا «جىنايى ئىشلار جىنايىتى» سادىر قىلغان ۋە «جىنايەت ئۆتكۈزگەن پائالىيەت مەزمۇنىنى قانۇنسىز تارقاتقان» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن ھەم قولغا ئېلىنغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، مارتىن 8-ئىيۇل ئەتىگەنگىچىمۇ يەنىلا سولاقلىق ئىكەن.

    خەۋەر قىلىنىشىچە، مارتىننىڭ جىنايى قىلمىشى بىر قىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا تېكساس ئىشتاتىلىق بىر قىز مۇشۇنداق ئىش قىلغان، ئۇ بىر قۇتا «Blue Bell» ماركىلىق ماروژنىنى يالىغان، ئاندىن ئۇنى مال جازىسىغا قويۇپ قويغان ھەم بۇ جەرياننى سىنغا ئېلىپ تورغا يوللىغان. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ قىز تاۋارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن ئىككىنچى دەرىجىلىك ئېغىر جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنىكەن، ئۇنىڭغا 2 يىلدىن 20 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلىشى ھەم يۇقىرى بولغان 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

    خەۋەر قىلىنىشىچە، مارتىن يالىغان ماروژنى تېكساس ئىشتاتىدىكى ئۇ قىز يالىغان ماروژنى ماركىسىغا ئوخشاش ئىكەن، لېكىن بۇ ئۇچۇر تېخى دەلىللەنمىگەن. فوكس ئاخبارات تورىنىڭ ئېيتىشىچە، «Blue Bell» شىركىتى تېكساس ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن تۇنجى «ماروژنى يالاش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە ماسلاشقانىكەن.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، لۇيىسئاننا ئىشتاتى ساقچى ئىشخانىسى بۇنداق دوراش قىلمىشىنى توسۇۋېتىپتۇ. ئەمەلدارلار: «بۇ قانۇنسىزلىق. باشقىلارغا نىسبەتەن بۇ بىر خىل ساغلاملىق خەتىرى. مۇشۇنداق ئىش قىلغانلارنى كۆرسەك ھەر قاندىقىنى تەكشۈرىمىز، ئۇلار ئەيىبلىنىدۇ» دېگەن.

    ماروژنىنى يالاپ بولغاندىن كېيىن يەنە مال جازىسىغا قويۇپ قويىدىغان بۇنداق قىلمىشقا نۇرغۇن تورداش كۆڭلى ئېلىشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەيىبلىگەن.

    Lorinda Guillory: كۆڭلۈم بەكلا ئېلىشتى.

    Donna Murphy: دوراڭ. بىز كىشىنى مۇشۇنچىۋالا ئازابلايدىغان دۇنيادا تۇرۇۋاتىمىزكى، بەزىلەرنىڭ قىلمىشى شۇنچىلىك رەزىلكەن.

    لېكىن بەزى تورداشلارنىڭ قارىشىچە، مارتىن ئۆزى يالىغان ماروژنىنى سېتىۋالغاندىكىن جازالانماسلىقى كېرەك ئىكەن.

    Rhenae Keyes: بۇ قەتئىي جازالانماسلىقى كېرەك. ئۇ ماروژنىنى سېتىۋاپتۇ، ئۇ دېگەن مارتىننىڭ ماروژنىسى.

    Donna Jackson: ئۇنىڭ ماروژنىنى سېتىۋالغانلىق تالونى بار.

    بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىز؟


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى