• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    دىققەت! ئەيدىز ئىمتىھان ئاياغلىشىپ يۈگەنسىز يۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلاشماقتا

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:36 09-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ئەسلىدە ئاتا-ئانىسى ۋە ئوقۇش چەكلىۋالغان ئوقۇغۇچىلار ئاخىرى ئارزۇ قىلغىنىدەك ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ.

    ئۇلار يۈگەنسىز ئاتتەك ئالىي مەكتەپكە بېرىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاشنى ئويلايدۇ. لېكىن چەكتىن ئاشقان بارلىق ئەركىنلىكنىڭ ئارقىسىغا ئەمەلىيەتتە خەتەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

    خۇادوڭدىكى مەلۇم 985 ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ليۇ مىڭ (ياسالغان ئىسىم)غا نىسبەتەن ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى تۇرمۇش قورقۇنچلۇق چۈشكىلا ئوخشايدۇ.

    يېقىندا ئۇ دوختۇرخانىنىڭ قورقۇنچلۇق دىياگنوزىنى تاپشۇرۇۋالغان: ئۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانىكەن.

    ئۇنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتكەن، ئۇ ھاياتىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگەشكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇ بۇ قورقۇنچلۇق كېسەلدىن قانداق يۇقۇملاندى؟

    بۇ نۇقتا ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان، ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقى بىرىنچى مەۋسۇمىنىڭ ئاخىرىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن KTVغا بېرىپ، كېچىچە ناخشا ئېيتقان، ئۇ ھاراقنىڭ تەسىرىدە يېڭىلا تونۇشقان جىنسداش بىلەن ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن...

    ئۇ بىر قېتىملىق ھاراق ئىچىپ قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىنى قەتئىي ئويلاپ باقمىغان.

    يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ پەخرى ئىدى، ئانا مەكتىپىدىكى 985 ئالىي مەكتىپىگە ئۆتكەن ئون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىكى بىرسىگە ئايلانغان. لېكىن ھازىر ئۇ ئوقۇشتىن توختاپ داۋالانماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئۇنى كۈتۈۋاتقىنى ئازابلىق ۋە ئۇزۇن ھايات...

    ليۇ مىڭنىڭ ئىشى ئايرىم ۋەقە ئەمەس.

    پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە «تەبىئىيىتىنى ھېلىلا قويۇۋەتكەن» ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ جەھەتتە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرى ئاز، ئادەم قەلبىنىڭ قەبىھلىكىنى ئەسلا چۈشەنمەيدۇ، مۇھىت ۋە تەبىئىي خاراكتېرنىڭ تەسىرىدە ھەمىشە ئويلاشمايلا ئىش قىلىدۇ.

    توردا بۇرۇن بىر جەدۋەل تارقالغان، يۇقۇملانغانلارنىڭ ئىچىدە 985 مەكتىپىدىكىلەرمۇ، خەلق ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەرمۇ بار.

    يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ھەيران قالارلىق.

    2011-يىلىدىن باشلاپ ئەيدىزدىن يېڭى يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يىلىغا تەخمىنەن %30لىك سۈرئەتتە ئاشقان، 2014-يىلىدىكى ئېشىش سۈرئىتى %60كە يېقىنلاشقان.

    بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بايقىمىغانلىرى قانچىلىك؟

    ئالدىنقى مەزگىلدە شاڭخەيدىكى قىسمەن ئالىي مەكتەپلەر «ئەيدىز تەكشۈرۈش قېپى»نى ئاپتوماتىك ساتىدىغان ماشىنا كىرگۈزۈپ، ئالتە سائەتتىلا سېتىلىپ بولۇش رېكورتى ياراتقان.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكشۈرگەن چاغدىكى خوشاللىقىنى، نەتىجىنى ساقلىغان ۋاقىتتىكى قورقۇشلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.

    بۇنىڭ نەتىجىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىدىنمۇ مۇھىم بولۇپ، ئادەمنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىدۇ.

    بۇ پۈتۈنلەي بىلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان نەتىجە بولسىمۇ، لېكىن بىر ئۆمۈر بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.

    بۇ جەمئىيەت ئۆتكەن تۇنجى دەرس، شۇنداقلا ئاقىۋىتى ئەڭ ئېچىنىشلىق دەرس.

    جىنس تەربىيەسى جۇڭگودا ئىزچىل چەكلىنىدىغان تېما، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا ئاسانلىقچە سۆزلىمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغىنى شۇكى، بالىلار قىزىقىش تەسىرىدە سىناپ باقماقچى بولىدۇ.

    ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، %70كە يېقىن ئوقۇغۇچى تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي قىلمىشنى قوبۇل قىلالايدىكەن.

    ئەڭ ئادەتتىكى جىنس بىلىملىرىنىڭ كەملىكى تاسادىپىيلىق پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەب.

    ئەمدى تېخى 18 ياشقا كىرگەندە نۇرغۇنلىرىدا ھوشيارلىق ياكى ھەزەر ئەيلەش بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەممە ئىش گۈزەل ۋە شەرەپلىك.

    تىراگېدىيە ھەمىشە مۇشۇ چاغدا يۈز بېرىدۇ.

    2018-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان بىر ۋىدىيو تارقالغان.

    يالىڭاچ بىر قىز لۆڭگە ئورىغىنىچە قاتتىق يىغلىغان:

    سىزدە راستتىنلا ئەيدىز بارمۇ؟

    ۋىدىيودىكى ئەر ھېچ ئىش بولمىغاندەك جاۋاب بەرگەن:

    سىزنى ئالداپ نېمە قىلاي، مەندە راستتىنلا ئەيدىز بار.

    يەنە بىر قىز ئەر كىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندىن كېيىن ئەردىن كەلگەن تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئىچىدىكىسى بىر ۋاراقچە بىلەن ئاخىرەتلىك كىيىم بولۇپ، ۋاراقچىنىڭ مەزمۇنى كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدۇ:

    ئەيدىز كۇلۇبىغا قوشۇلغىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن.

    شۇنداق، ئىككىلا ئەر ئۆزىنىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ جەمئىيەتكە ئۆچمەنلىك ساقلاپ، باشقا ئادەملەردىن ئۆچ ئالماقچى بولغان.

    مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن ئەپتى-بەشرىسىنى ئاشكارىلاپ، ئەڭ زەھەرخەندە، قورقۇنچلۇق ئالۋاستىغا ئايلانغان.

    يامان نىيەتتە ئۆچ ئېلىشتىن بۇرۇن ئادەم تەبىئىيىتىدىكى رەزىللىك تولۇق نامايان بولغان: ئىشقىلىپ مەن ئەمدى ياشىيالمايمەن، سىلەرمۇ ياشايمەن دېمەڭلار.

    شۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس ئەھۋالدىن قىلچە خەۋەرسىز كىشىلەرگە يامان نىيەتتە تارقىتىلىپ، نۇرغۇن ئائىلىنى ۋەيران قىلغان.

    بۇ بەكمۇ ئىلاجسىزلىق ۋە رەزىللىك.

    ھەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن بىر مەزگىل «بالا ئالدۇرۇش قىزغىنلىقى» كۆرۈلىدۇ.

    «قەپەس»تىكى ياش قىز-ئوغۇللار ھورمۇن ۋە مۇھەببەتنىڭ تەسىرىدە دائىم كونترول قىلغۇسىز ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ.

    ئۇلار مۇھەببەتنىڭ ھەقىقەتەن شېرىنلىكىنى، لېكىن ئاچچىق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىش مۇمكىنچىلىقىمۇ بارلىقىنى بىلمەيدۇ.

    تىڭ تىڭ چىرايلىق، مۇلايىم قىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا سىنىپتىكى كېلىشكەن ئوغۇل ساۋاقدىشى شياۋ ۋېي بىلەن خۇپىيانە مۇھەببەتلەشكەن. كېيىن بىر ھەپتە ئاخىرىدا ئىككىسى ئىختىيارسىز ھالدا چەكلەنگەن مېۋىنى تېتىپ باققان. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن تىڭ تىڭ بىئارام بولغان، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان. شۇندىلا ئۇنىڭ ھامىلىدار بولغىنىغا ئۈچ ئاي بولغانلىقىنى ھەم بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولغانلىقىنى بىلگەن.

    چۆچۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىسى يۇۋاش، ئەقىللىق قىزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىغا ھەر قانچە قىلىپمۇ ئىشىنەلمىگەن. لېكىن ھەر قانچە ئەيىبلىسىمۇ ئورنىغا كەلمىگەن، ئۇلار تىڭ تىڭنى تېزلا ئوپېراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان.

    ئەسلىدە ئىش مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ دەپ قارىغان، لېكىن بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن دوختۇر تېخىمۇ قورقۇنچلۇق خەۋەر يەتكۈزگەن:

    تىڭ تىڭ ھايات قالدى، لېكىن تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئېلىۋېتىلدى، بۇ ئۇنىڭ ئەمدى تۇغالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    تىڭ تىڭ بېشىنى تۇتقىنىچە قاتتىق يىغلىغان، بۇرۇن ئۇنىڭغا ئاجايىپ قەسەملەرنى بەرگەن ئوغۇل دوستى شۇنىڭدىن كېيىن قايتا كۆرۈنمىگەن. يىگىت پېشىنى قېقىپلا كېتىپ قالغان، تىڭ تىڭ ئۆزى يالغۇز يۈزلىنىشكە ۋە بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولغان. تىڭ تىڭنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ قاتتىق پۇشايمان قىلغان، قىزىغا بالدۇرراق جىنس بىلىملىرىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسا ھازىر نەتىجىسى ئوخشاش بولارمىدى؟

    شۇنداق، ئەزەلدىن جىنس تەربىيەسى ئېلىپ باقمىغانلىقتىن نۇرغۇن ئادەم بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىش كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %50كە يېقىنى تەدبىر قوللانمايدۇ.

    دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلغان:

    ئېلىمىزدە ھەر يىلى سۈنئىي بالا ئالدۇرغانلار سانى 13 مىليوندىن ئارتۇق، ئۇنىڭ ئىچىدە تەكرار ئالدۇرغانلارنىڭ نىسبىتى %50.

    جىنسىي قىلمىشتا بولغان قىزلاردىن %21.3ى ھامىلىدار بولغان، ئۇلارنىڭ %4.9ى كۆپ قېتىم ھامىلىدار بولغان.

    ھەيران قالارلىق سانلىق مەلۇماتنىڭ ئارقىسىدا قاتتىق ئازاب تارتقان نۇرغۇن قىز بار.

    ياشلىقتا ئانچە-مۇنچە بەڭباشلىق قىلسا بولىدۇ، لېكىن چېكى بولۇشى كېرەك.

    توردا قىزلارغا جىنس تەربىيەسىنى قانداق بېرىش كېرەك دەيدىغان بىر تېما بار.

    ئاستىدا چارىسىز قالغان نۇرغۇن ئاتا-ئانا بار، بىر قىسىم دانا، ئەپچىل مىساللارمۇ بار.

    بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان ۋە يامان كۆرۈلىدىغان سوئال، لېكىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايدىغان زور تېما.

    ھازىر سىز ئوغرىلىغان بوشلۇق كەلگۈسىدە بالىڭىزغا ئورا بولىدۇ.

    ئەڭ ياخشى ئامال شۇكى، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا باسقۇچقا بۆلۈپ تەربىيەلەش، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بەدىنى ۋە ئەزالىرىنى چۈشەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بارا-بارا جىنس تەربىيەسى بېرىش.

    بۇنىڭغا ھېچقانچە كۈچ كەتمەيدۇ، لېكىن نۇرغۇن تىراگېدىيەنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ھېچ بولمىسا ئۇلار ئۆزىنى قوغداشنى بىلىدۇ.

    ئۇلارنى ئۆزۈڭ ئىزدەن دەپ قويۇۋەتسىڭىز ئەڭ ئاخىرىدا قايتۇرۇۋالغۇسىز ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ.

    قورامىغا يەتكەندىن كېيىن ئاندىن يولۇڭنى ئۆزۈڭ ماڭ دېسىڭىز بولىدۇ.

    ئۇ چاغدا ئۇلارغا ئاشكارە بولىدۇ، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، جەمئىيەت بىلەن تىنچ ئۆتەلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سىزگە شۇنى دەپ قويايكى، قالايمىقان ئارىلاشماسلىق ياشلىققا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى سوۋغا.

    قورامىغا يەتكەندىن كېيىنمۇ مۇۋاپىق كونترول قىلىش كېرەك.

    پاكىز بولۇڭ، ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ، بىخەتەرلىك قېپى ئىشلىتىڭ.

    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى، لېكىن سىزگە تەئەللۇق بولغان ھايات سىنىقى ئەمدى باشلاندى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى