• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    باھاسى 1000 يۈەندىن تۆۋەن بولغان يانفونلارنىڭ ئىقتىدار باھا نىسبىتى رەت تەرتىپى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:06 09-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    گەرچە ئىقتىدار باھا نىسبىتى ئاللىقاچان كىشىلەر يانفون سېتىۋالغاندا بىرىنچى بولۇپ ئويلىشىدىغان مەسىلە ئەمەس بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر دۆلىتىمىز كارخانىلىرى ئارىسىدا رىقابەت ناھايىتى كەسكىنلىشىپ، باھا چۈشۈرۈپ سېتىش دولقۇنى ناھايىتى ئەۋجىگە چىقتى. شۇڭلاشقا يېڭى بازارغا سېلىنغان ئىقتىدار باھا نىسبىتى يۇقىرى بولغان يانفونلارغا قارىغاندا باھاسى چۈشۈرۈلگەن ئىلگىرىكى بايراقدار يانفونلار بەكرەك ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ قالدى.

    ئەنتۇتۇ تورى 6-ئايلىق يانفونلارنىڭ ئىقتىدار باھا نىسبىتى رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى.

    6-ئايدا 618 چوڭ پائالىيىتى (جىڭدوڭنىڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە ئېلىپ بارىدىغان يىللىق ئەڭ چوڭ ئېتىبارلىق پائالىيىتى) بولغاچقا نۇرغۇن يانفونلارنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلدى. بىراق بەزىلىرىنىڭ باھاسى پەقەت ۋاقىتلىقلا چۈشۈرۈلگەچكە، بۇ رەت تەرتىپكە تىزىلمىدى.

    تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، ئىقتىدار باھا نىسبىتى رەت تەرتىپىنى تىزىشتا يانفوننى سىناپ يانفوننىڭ ئېرىشكەن ئوتتۇرىچە نومۇرى ۋە شۇ يانفوننىڭ ھازىرقى سېتىلىش باھاسىدىن باشقا يەنە چوڭ بىر ئۆلچەم بار، يەنى ئىستىمالچىلار بۇ يانفوننى سېتىۋالماقچى بولۇپ جىڭدوڭ تورىدا ئىزدىگەندە بۇ يانفوننى سېتىۋېلىش تور بېتىدە مال يوق دەپ چىقىپ قالسا بۇ يانفون بۇ رەت تەرتىپكە تىزىلالمايدۇ. يەنى مال يوق يانفون بولسا ھەر قانچە ئىقتىدار باھا نىسبىتى يۇقىرى يانفون بولۇپ كەتسىمۇ يەنىلا بۇ رەت تەرتىپكە تىزىلالمايدۇ.


    بۇ رەت تەرتىپ باھاسى مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغان يانفونلار، 1000-1999 يۈەنگىچە بولغان يانفونلار، 2000-3000 يۈەنگىچە بولغان يانفونلار ۋە 3000 يۈەندىن يۇقىرى بولغان يانفونلار دەپ تۆت خىل تۈرگە ئايرىلىپ تىزىپ چىقىلغان تۆت خىل رەت تەرتىپ. تۆۋەندىكىسى بولسا باھاسى 1000 يۈەندىن تۆۋەن بولغان يانفونلارنىڭ ئىقتىدار باھا نىسبىتى رەت تەرتىپى.

    ئەمىسە رەت تەرتىپكە كېلەيلى. بۇ رەت تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى جوڭشىڭ Blade A7 نىڭ 3GB+64GB لىق نۇسخىسى. بۇ يانفوننى سىنىغاندىكى ئوتتۇرىچە ئېرىشكەن نومۇرى 132558. ئىقتىدار باھا نىسبىتى 189.6. ھازىرقى سېتىلىش باھاسى 699 يۈەن.

    بۇ يانفون جوڭشىڭنىڭ بۇ يىلى ئېلان قىلغان ئوتتۇراھال ۋە تۆۋەن سەپلىمىلىك يانفونغا تەۋە بولغان يانفونى بولۇپ، بۇ يانفونغا Helio P60 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. ئېكرانى 6.088 ديۇملۇق سۇ تامچىسى شەكىللىك ئېكران، ئېكران پەرق ئېتىشچانلىقى 1560×720. بىراق باھاسى 599 يۈەندىن باشلىنىدۇ، ھەم بۇ يانفون كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھاجىتىمىزدىن چىقالايدۇ. بىراق چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنى ئوينىغاندا بەلكىم سەل قىينىلىپ قېلىشى مۇمكىن.

    ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى vivo Z3x نىڭ 4GB+64GB لىق نۇسخىسى. بۇ يانفوننى سىنىغاندىكى ئېرىشكەن ئوتتۇرىچە نومۇرى 129944. ئىقتىدار باھا نىسبىتى 144.7. ھازىرقى سېتىلىش باھاسى 898 يۈەن.

    Z يۈرۈشلۈكى بولسا vivo نىڭ توردا سېتىشنى ئاساس قىلىدىغان يانفون تىپى. بۇ يانفوننىڭ ئېكرانى 6.26 ديۇملۇق كىچىك ماڭلاي ئېكران، ئېكران پەرق ئېتىشچانلىقى 2280×1080. بىر تەرەپ قىلغۇچىغا كۇۋالكومنىڭ سىنەپدراگون 660 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن. ئىچكىي ساقلىغۇچىمۇ ئىشلىتىشىمىزگە يېتىدۇ، بىر قىسىم ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان ئويۇنلارنى ئويناشتا ئاساسەن مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ، بىراق بۇ يانفوننىڭ كەينى سۇلياۋ ماتېريالدىن ياسالغان. بىراق ئىقتىدار باھا نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق يەنە باشقا نەرسىلەرنى تەلەپ قىلمىساقمۇ بولىدۇ.

    ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى ليەنشياڭ K5 Pro نىڭ 6GB+64GB لىق نۇسخىسى. بۇ يانفوننى سىنىغاندىكى ئېرىشكەن ئوتتۇرىچە نومۇرى 114943. ئىقتىدار باھا نىسبىتى 135.5. ھازىرقى سېتىلىش باھاسى 848 يۈەن.

    ليەنشياڭ K5 Pro ئىقتىدار باھا نىسبىتى رەت تەرتىپىدە دائىم كۆرگىلى بولىدىغان يانفونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بىراق بۇ يانفوننىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىگە قارىغاندا 100 يۈەن ئۆسۈپ كەتكەن. بۇ يانفوننىڭ ئەڭ قالتىس تەرىپى توكى ئۇزاق يېتىدۇ. يەنى باتارېيە سىغىمى 4050mAh. يەنە چېتىش ئېغىزى Type-C لىق. زەرەتلەشتە 18W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. بۇ يانفوننىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنىڭ ئېكرانى 5.99 ديۇملۇق. بىر تەرەپ قىلغۇچىغا كۇۋالكومنىڭ سىنەپدراگون 636 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن. ئالدى ۋە كەينىدە ئوخشاشلا 16 مىليون پىكسېللىق ۋە بەش مىليون پىكسېللىق ئىككى كامېراسى بار.


    بۇلاردىن باشقا يەنە ئىقتىدار باھا نىسبىتىدە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن يانفونلاردىن خوڭمى 7 نىڭ 3+32GB لىق نۇسخىسى (ھازىرقى سېتىلىش باھاسى 799 يۈەن)، مېيزۇ Note 8 نىڭ 4+64GB لىق نۇسخىسى (ھازىرقى سېتىلىش باھاسى 849 يۈەن)، روڭياۋ چاڭۋەن 8C نىڭ 4+32GB لىق نۇسخىسى (ھازىرقى سېتىلىش باھاسى 849 يۈەن)، vivo Z1 ياشلار نۇسخىسىنىڭ 4GB+32GB لىق نۇسخىسى (ھازىرقى سېتىلىش باھاسى 749 يۈەن)، نوكىيا X6 نىڭ 6GB+64GB لىق نۇسخىسى (ھازىرقى سېتىلىش باھاسى 999 يۈەن)، خوڭمى 6A نىڭ 2GB+16GB لىق نۇسخىسى (ھازىرقى سېتىلىش باھاسى 549 يۈەن)، روڭياۋ چاڭۋەن 8A نىڭ 3+32GB لىق نۇسخىسى (ھازىرقى سېتىلىش باھاسى 749 يۈەن) قاتارلىقلار بار.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى