• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    قورساقنى ئورۇقلاتماقچى بولغان ئاياللار بۇ كۆكتاتنى يەڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:14 09-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    قورساقنى ئورۇقلاتماقچى بولغان ئاياللار، دائىم بۇ كۆكتاتنى يەپ بەرسە، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    مايلىق سۇلۇ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتات بولۇپ، يوپۇرمىقى چوڭ، رەڭگى يېشىل رەڭدە بولىدۇ. سىز ئۇنى بىر كۆرۈپلا، ساغلام كۆكتات دەپ ھېس قىلىسىز. قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، مايلىق سۇلۇ ئوسۇڭنىڭ بىر ئۆزگەرگەن تۈرى ئۇزۇن يوپۇرماقلىق ئوسۇڭ بولۇپ، ئۇنى خام يېيىشكە ياكى پىشۇرۇشقا بولىدۇ، تەمى ئىنتايىن چۈرۈك. ئۇ بىزگە تونۇشلۇق بولغان خام كۆكتاتقا ئوخشايدۇ، شۇڭا ئۇ نىيۇلى خام كۆكتىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ۋىتامىن ۋە ماننىتول قاتارلىق باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، ئەڭ ئېسىل كۆكتاتلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

    مايلىق سۇلۇنىڭ تەركىبىدە ئۇسۇڭ ماددىسى بولۇپ، ئازراق قىرتاق تەم بار، لېكىن ئۇ تىنچلاندۇرۇش ۋە ئۇخلىتىش رولىغا ئىگە، ئۇيقۇسىزلىق ۋە نېرۋا ئاجىزلىقىنى قوشۇمچە داۋالاش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئۇيقۇنى بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەركىبىدە يەنە تالا ۋە ۋىتامىن C بار بولۇپ، ئارتۇقچە ياغلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېمەكلىكلەرنى تېخىمۇ تېز ھەزىم قىلىشىمىزغا، يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچەي يولىدا توختاش ۋاقتىنى قىسقارتىشقا، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى ۋاقتىدا يوقىتىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

    مايلىق سۇلۇ قۇرۇق ئىسسىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ بەدەندىكى بەزى زەھەرلىك ماددىلارنى يوقىتىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بەلگىلىك دەرىجىدە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ، يەنە بەدىنىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مايلىق سۇلۇنىڭ تۆمۈر تەركىبى باشقا كۆكتاتلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، بۇ تۆمۈر ماددىسى ۋە قان تولۇقلاشقا پايدىلىق بولۇپ، قان ئازلىقنى ياخشىلايدۇ. مايلىق سۇلۇ قورۇمىسى بىر خىل ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى كۆكتات بولۇپ، ئورۇقلايدىغانلارنىڭ ياخشى تاللىشى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى