• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئالۋېس: مېسسى مېنىڭ دوستۇم، لېكىن سۆزلىرى خاتا

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:12 09-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مېسسى ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسىدا برازىلىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرغاندىن كېيىنلا جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە قارشى سۆز قىلدى، رېپىرنىڭ ھۆكۈمىگە نارازى بولۇش نورمال ئەھۋال ھېسابلانسىمۇ، لېكىن مېسسىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ چىرىكلىككە پېتىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشى يەنىلا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. يېقىندا، مېسسىنىڭ ئىلگىرىكى سەپدىشى، برازىلىيە كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسىدىكى كاپىتانى ئالۋېس تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مېسسىنىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

    ئالۋېس مۇنداق دېگەن: «گەرچە مېسسى مېنىڭ دوستۇم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ راست بولۇشى ناتايىن. گەرچە ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاچچىق ئىچىدە ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭ قارىشىغا قوشۇلسام بولمايدۇ.»

    «مېنىڭچە، ئۇنىڭ سۆزلىرى برازىلىيە كوماندىسىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك، بولمىدى دېگەندە مەن شۇنداق قارايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ كۆپلىگەن توپچىلارنى ھۆرمەتلىمىدى، چۈنكى كۆپلىگەن توپچىلارمۇ دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن، ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن كۆپ نەرسىلەردىن ۋاز كەچتى.»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى