• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    مېسسىنىڭ ئاشخانىسى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ھەقسىز تاماق تارقىتىۋاتىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:09 09-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېسسىنىڭ يۇرتى روسارىئو شەھىرى يېقىندا كۈچلۈك سوغۇق تېمپۇراتۇرانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئۆز يۇرتىدىكى يۇرتداشلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكسىز، يېمەك-ئىچمەكسىز، ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقىنى كۆرۈپ، مېسسى قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرمىغان.

    ئىگىلىنىشىچە، مېسسىنىڭ روسارىئو شەھىرىدە ئاچقان ئاشخانىسى شۇجاي ۋاقتى ئالدىن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ كىشىلەرگە ھەقسىز ئىسسىق شورپا ۋە ئىسسىق تاماق تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۆيى يوق سەرگەردانلارمۇ مېسسى ئاچقان مېھمانخانىدا تۇرسا بولىدىكەن.

    بۇ ئاشخانىنىڭ دېرىكتورى مۇنداق دېگەن: «بىز كۆپچىلىككە قەھۋە، سودا سۈيى تەمىنلەيمىز، ئەگەر كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولسا قىزىل ھاراقمۇ تەمىنلىيەلەيمىز. كىشىلەر بىزنىڭ بۇيەرگە كەلدى، شۇنداقلا ئىنتايىن ئەدەپلىك، بىز ھەقسىز تاماقنى 15 كۈن تەمىنلەيمىز، ھەركۈنى ئەتتىگەن سائەت 7دىن باشلاپ كەچ سائەت 9غىچە.»

    روسارىئو شەھىرى پۇتبول چولپىنى تەربىيەلەيدىغان شەھەر بولۇپ، مېسسى، دىمارىيا، لوسېلسو، ئارمانى قاتارلىق ئارگېنتىنا كوماندىسى ئەزالىرى دەل مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى