• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:00 09-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ھايات تولىمۇ قىسقا، كېيىنكى ئۆمۈرنىڭ قانچىلىكلىكى نامەلۇم. قانچىلىغان كىشىلەر ئۆزىگە كۆيۈنمەيدۇ؟ باشقىلارنىڭ بىر ئېغىز سۆزى ئۈچۈن كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىپ، ئازابلىنىپ، كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ يۈرىدۇ. ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئاچ قورساق يۈرۈشكە، ئۇخلىماي خىيال قىلىشقا رازى بولۇشىدۇ؟

    ئېنىقلا باشقىلارنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزى ئاچچىقلىنىش، باشقىلارنىڭ ناتوغرا قىلمىشى ئۈچۈن ئۆزى كۆڭۈلسىز بولۇش ھەممىسى ئەخمىقانىلىق ۋە باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن تەشۋىشلىنىتىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.

    بۇ دۇنيادا ئەڭ مۇھىم كىشى يەنىلا ئۆزىڭىز. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، خوشال-خۇرام، ساق-سالامەت يۈرۈڭ. بىرلا قېتىم كېلىدىغان ھاياتلىقتا ياخشى ياشاڭ، باشقىلار ۋە ئۆزىڭىز بىلەن كىرىشىپ قالماڭ.

    ئادەمنىڭ ئەڭ ئەخمىقانە ئىشى دەل ئويلاپ تېگىگە يېتەلمەسلىك، كۆرۈپ يېتەلمەسلىك، قويۇۋېتەلمەسلىك، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى تۇتۇۋېلىپ، باشقىلار ئۈچۈن ئاچچىقلىنىش، ئۆز-ئۆزىنى قېيناش، قەلبىدە ئاچچىق ئوتلىرى يېنىش، ئۇنتۇيالماسلىق، ياخشى يېيەلمەسلىك، ئۇخلىيالماسلىق، تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە پاسىپ كەيپىياتىنى تەسىر قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

    كىشىنىڭ ئەڭ ياخشى روھىي ھالىتى بولسا بىر ئىشلارغا بەك كىرىشىۋالماسلىق، ئاچچىقلانماسلىق، بارلىق كەتكۈزگەنلىرىگە تەمكىنلىك بىلەن قاراش، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈش، قەلبىدىكى ئاچچىقنى يوقىتىپ، كېيىنكى ئۆمرىنى خوشال ئۆتكۈزۈشتۇر.

    ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىش كېرەك. كىشى كەڭ قورساقراق بولسا ياخشى، ئىشلارغا قانچە كىرىشىۋالغانسېرى، باش ئاغرىقىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئاچچىقلىنىش ئۇزارغانسېرى سالامەتلىكمۇ چېكىنىدۇ.

    بەختلىك بولۇشنى ئويلىسىڭىز ئاچچىقلانماڭ، خوشال ئۆتۈشنى خالىسىڭىز كەڭ قورساق بولۇڭ.

    كېيىنكى ئۆمۈر قىممەتلىك. باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى تاشلاپ، قەلبىڭىزنى ئازادىلىككە ئىگە قىلىڭ. ۋاقىت ۋە زېھنىڭىزنى ئەرزىيدىغان ئورۇنلارغا ئىشلىتىڭ. ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈن باش قاتۇرماڭ، باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئويلايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قىلغانلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى