• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئەگەر يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى بارغانسېرى ئاستىلىسا...

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:02 07-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يەر شارى ئۆز ئوقىدا توختىماي ئايلانغاشقا، ئۆز سەۋەبىدىن بەزى تەبىئىي ھادىسىلەر پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن، يەر تەۋرەش. يەر تەۋرەش يەر شارى يۈزىدىكى بۆلەكلەرنىڭ ھەرىكىتى ياكى بېسىلىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بىر خىل تەبىئىي ئاپەت ھېسابلىنىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يەر شارىدا ھەر يىلى 5 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق يەر تەۋرەش يۈز بېرىدىكەن، تەكشى يايغاندا كۈندە نەچچە ئون مىڭ قېتىم يەر تەۋرەيدىكەن، ئەمما يەر تەۋرەش دەرىجىسى بەك كىچىك بولۇپ، ئىنسانلار بۇنى ھېس قىلالمايدىكەن. چوڭ تىپتىكى يەر تەۋرەش ئىنسانلارغا غايەت زور زىيان سالىدۇ، ھەتتا يەرشارىنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن. يەر تەۋرەش ئاپىتى، زەھەرلىك گاز چىقىپ كېتىش، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش، قاتارلىق ئاپەتلەرنى بىللە ئېلىپ كىلىدۇ.

    پەن تەتقىقات خادىملىرى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يەر ئاستىغا يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش سېنزورى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھەر كۈنى يۈز بېرىدىغان يەر تەۋرەش قېتىم سانى بەك كۆپ بولغاچقا، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ دەرىجىسىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. يېقىنقى بىر قېتىملىق تەتقىقاتتا، ئامېرىكا گېئولوگىيە ئۆمىكى مۇنداق بىر يەكۈن چىقارغان: يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى يەر شارىنىڭ يەر تەۋرەش چاستوتىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۆتكەن ۋاقىت ئىچىدە، ھەر كۈنى يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ئۆزگىرىپ، ئاستىلاپ كەتكەن. ئەسلىدە ئالدىنقى كۈندىكىدىن 2.3 مىللىسېكۇنت ئارتۇق چىققان بولۇپ، ھازىر پەقەت 1.8 مىللىسېكۇنتلا قالغان.

    بۇ زادى نېمە سەۋەبتىن يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى ئاستا بولدى؟ بۇ يەر شارىنىڭ كۈچ تەسىرىگە ئۇچراش چوڭ كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئاسمان جىسىملىرى ئارىسىدىكى سوقۇلۇشتىن باشقا، ئۇ ھالدا باشقا تەسىر كۈچ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باش جىنايەتچى ئاي شارى. يەر شارى مەۋجۇت بولغاندىن بۇيان، ئاي شارى ئىزچىل ئەتراپىدا ھەمراھ بولۇپ كەلدى، ھەتتا يەر شارى ئۈچۈن سانسىزلىغان سىرتتىن كەلگەن مېتېئورىت تاشلارغا تاقابىل تۇردى، بۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق قوغداش قالقىنى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاي شارى يەر شارىنىڭ تەبىئىي ئاپىتىنى كۆپەيتتىمۇ؟

    ئاي شارىنىڭ تەسىرى يەر شارىدا تاشقىن ئېنېرگىيىسى پەيدا قىلىدۇ، بۇ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ. يەر شارى بىلەن ئاي شارىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى ئاستىدا، ئاي شارى ھەر يىلى 3.8 سانتىمېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يەر شارىدىن يىراقلىشىۋاتىدۇ. ئالدىنقى ئايدا يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستا، يەر تەۋرەش قېتىم سانى كۆپ بولۇش ئەھۋالى ئىسپاتلاندى. ئەنگىلىيەدىكى مەلۇم مۇتەخەسسىسىمۇ تارىختىكى بەش قېتىملىق چوڭ يەر تەۋرەشنىڭ، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان. چۈنكى يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، يەر تەۋرەش چاستوتىسى تېزلەشكەن. كەلگۈسىدە، بىز يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىمىزنى، يەر شارىنىڭ يەر تەۋرەش مەزگىلىنىڭ تېزلىشىدىغان-تېزلەشمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى