• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    «ئۆمۈچۈك پالۋان»نىڭ جۇڭگودىكى تۇنجى ھەپتىلىك بېلەت كىرىمى بىر مىلياردتىن ئاشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:01 07-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 5-ئىيۇل جۈمە كۈنىدىكى كىنو بازىرى 221 مىليوندا يېپىلغان، «زەھەر تازىلاش 2» نىڭ تۇنجى كۈنلۈك بېلەت كىرىمى 131 مىليون يۈەن، جەمئىي بېلەت كىرىمى 146 مىليون بولغان. «ئۆمۈچۈك پالۋان: قەھرىماننىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى» 53 مىليون 860 مىڭ يۈەن بېلەت كىرىمى قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 993 مىليون بولغان. «ئەرمەكلەر مەخپىيىتى 2» نىڭ تۇنجى كۈنلۈك بېلەت كىرىمى 18 مىليون 160 مىڭ يۈەن بولغان، «چېھىرونىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى» نىڭ جۈمە كۈنىدىكى بېلەت كىرىمى 6 مىليون 460 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 430 مىليون يۈەن بولغان. «چوشقا پالۋان: چۈشىنىپ بولمايدىغان دۇنيا» نىڭ تۇنجى كۈندىكى بېلەت كىرىمى 6 مىليون 270 مىڭ يۈەن بولغان. «ئويۇنچۇقلار سەپەرۋەرلىكى 4» نىڭ جۈمە كۈنىدىكى بېلەت كىرىمى بىر مىليون 140 مىڭ يۈەن بولۇپ، جەمئىي بېلەت كىرىمى 186 مىليون يۈەن بولغان. «دېشيەن» جۈمە كۈنىدىكى بېلەت كىرىمى بىر مىليون 150 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 37 مىليون 520 مىڭ يۈەن بولغان. «ئەڭ ياخشى بىز» نىڭ بېلەت كىرىمى 460 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 410 مىليون يۈەن بولغان.

    جۈمە كۈنى يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى بېلەت كىرىم كۈرىشى رەسمىي باشلاندى، يېڭى فىلىملەرنىڭ قويۇلۇشى بىلەن، جۈمە كۈنىدىكى كىنو بازىرى ئازراق جانلىنىپ بازار نىسبىتى 129% ئۆرلىگەن، مەملىكەت بويىچە كىنو بازىرى ئومۇمىي كىرىمى 200 مىليوندىن ئاشقان، بىراق يەككە كۈنلۈك بېلەت كىرىمى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكى 300 مىليوندىن خېلىلا تۆۋەن. ئەينى چاغدا «مەن دورىپۇرۇش ئەمەس» فىلىمى قويۇلۇپ، 241 مىليون يۈەن كىرىم قىلغان. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى فىلىم «زەھەر تازىلاش 2: ھەل قىلغۇچ جەڭ» جۈمە كۈنى قويۇلۇپ تۇنجى كۈنىلا بېلەت كىرىم چېمپىيونى بولۇپ، بېلەت كىرىمى 131 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇ چاغاندىن بۇيانقى دۆلىتىمىز فىلىملىرىنىڭ بېلەت كىرىم جەھەتتە ئەڭ ياخشى باشلىنىش ھېسابلىنىدۇ.

    «ئۆمۈچۈك پالۋان: قەھرىماننىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى» نىڭ بېلەت كىرىمى جەھەتتە ئۇ يېڭى فىلىملەر بىلەن رىقابەتلىشىپ قالغان بولۇپ، يېڭى فىلىملەر بېلەت كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا 6-ئىيۇلدىكى بېلەت كىرىمىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئومۇمىي بېلەت كىرىمى بىر مىلياردتىن ئاشقان. يارۇق كارتونچىلىقىنىڭ يېڭى كارتون فىلىمى «ئەرمەكلەر مەخپىيىتى 2» قويۇلغان تۇنجى كۈنى 18 مىليون 500 مىڭ كىرىم قىلغان، بۇ نەتىجە ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى قويۇلغان «ئويۇنچۇقلار سەپەرۋەرلىكى 4» نىڭ تۇنجى كۈنلۈك بېلەت كىرىمىدىن يۇقىرى، بىراق ئۈچ يىل ئىلگىرى قويۇلغان «ئەرمەكلەر مەخپىيىتى 1» نىڭ 34 مىليون 400 مىڭلىق كىرىمىدىن خېلىلا ئاز.

    بۇ يىللىق يازلىق تەتىل مەزگىلىدە داۋالغۇش ئاز ئەمەس، نۇرغۇن دۆلەت ئىچى فىلىملىرى توختىماي قويۇلۇش ۋاقتىنى ئۆزگەرتتى ياكى ئەمەلدىن قالدۇردى، بۇنىڭ بىلەن رىقابەتچانلىقى كۈچلۈك فىلىملەرنىڭ ئاز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مۇشۇ جۈمە كۈنى بېلەت كىرىم تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئالتە ئورۇننىڭ تۆتىنى كارتون فىلىم ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى