• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئورگان تورى: موراتا يېڭى پەسىلدىن باشلاپ مادرىد ئاتلېتكىنىڭ 9-نومۇرلۇق كىيىمىنى كىيىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:00 07-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، مادرىد ئاتلېتكا كۇلۇبى ئورگان تورىدا موراتانى رەسمىي سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى، موراتا كېلەر پەسىلدىن باشلاپ مادرىد ئاتلېتكىدا 9-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىدۇ. مادرىد ئاتلېتكا كۇلۇبى ئورگان تورىدا، 2019-2020 پەسىللىك مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى بۇرۇن ئىجارىگە ئالغان موراتانى رەسمىي سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى، موراتا كېلەر پەسىلدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا مادرىد ئاتلېتكىنىڭ توپچىسىغا ئايلىنىدۇ.

    مادرىد ئاتلېتكا موراتانى قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، موراتانىڭ كىيىم نومۇرىنىمۇ ئېلان قىلدى، ئىسپانىيەلىك بۇ توپچى يېڭى پەسىلدىن باشلاپ 9-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىدۇ، ئالدىنقى پەسىل ئۇ 22-نومۇرلۇق كىيىمى كىيگەن، ئالدىنقى پەسىل 9-نومۇرلۇق كىيىمنى كالىنىچ كىيگەن.

    موراتا ئالدىنقى پەسىلدىكى قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ئىجارە شەكلىدە مادرىد ئاتلېتكىغا قوشۇلغان، ھەمدە يېرىم پەسىلدە 17 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئالتە توپ كىرگۈزۈپ بىر ياردەمچى پاس بەرگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى