• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئورگان تورى: مادرىد ئاتلېتكا موراتانى رەسمىي قوشۇۋالدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:47 07-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئورگان تورى: مادرىد ئاتلېتكا رەسمىي ھالدا ئىسپانىيەلىك ھۇجۇمچى موراتانى قوشۇۋالدى. موراتا بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىجارە شەكلىدە مادرىد ئاتلېتكىغا قوشۇلغان بولۇپ، مۇددىتى ئىككى يىل ئىدى، لېكىن مادرىد ئاتلېتكا بۇ يىل يازدىلا ئۇنى رەسمىي قوشۇۋالدى.

    موراتا خانلىق مادرىد ئۆسمۈرلەر سىستېمىسىدىن چىققان، 2014-يىلى يۇۋېنتۇسقا قوشۇلۇپ، 2015-يىلى يۇۋېنتۇسنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىشىگە ياردەم قىلغان، 2016-يىلى يازدا خانلىق مادرىدقا قايتقان. لېكىن، موراتا خانلىق مادرىدتا يېتەرلىك پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن 2017-يىلى يازدا 65 مىليون ياۋرولۇق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن چېلسىغا قوشۇلغان بولۇپ، چېلسىدا 72 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 24 توپ كىرگۈزگەن.

    موراتا 2019-يىلى 1-ئايدا ئىجارە شەكلىدە مادرىد ئاتلېتكىغا قوشۇلغان بولۇپ، يېرىم مۇسابىقە پەسلىدە مادرىد ئاتلېتكىغا ۋاكالىتەن 17 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئالتە توپ كىرگۈزگەن ھەمدە بىر ياردەمچى پاس چىقارغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى