• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزىنىڭ رەقىبى قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى، شىنجاڭ غەلىبە قىلغان بولىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:46 07-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئاخىرلاشقان بىر مەيدان جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى ساھىبخان مەيدانىدا 2:2 نەتىجىدە گۇاڭدوڭ خۇانەن يولۋىسى بىلەن تەڭلەشتى. لېكىن مۇسابىقىدە گۇاڭدوڭ خۇانەن يولۋىسى پەقەتلا بىر نەپەر U23 توپچىسىنى مەيدانغا چىقاردى.

    جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ قائىدە-بەلگىلىمىلىرىدە ئېنىق قىلىپ، مۇسابىقىدە U23 توپچىسىنىڭ مەيدانغا چىققان سانى ئىككى ئادەمدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
    مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە گۇاڭدوڭ خۇانەن يولۋىسىنىڭ تىزىملىكىدە ئىككى نەپەر U23 توپچىسى بار ئىدى، مۇسابىقىدە بىر نەپەر U23 توپچىسى ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى، زاپاس ئەزا بولغان U23 توپچىسى مەيدانغا چىقمىدى.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە گۇاڭدوڭ خۇانەن يولۋىسىدىن دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان ياش توپچى يوق، ئەگەردە ياش توپچىلار دۆلەت كوماندىسىغا تاللانسا U23 توپچىسىنىڭ مەيدانغا چىقىش سانى ئازىيىدۇ.

    گۇاڭدوڭ خۇانەن يولۋىسى مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى تەلەپ قىلغان ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى نەپەر U23 توپچىسى مەيدانغا چىقىشى كېرەك دېگەن تەلەپكە يېتەلمىدى. قائىدىگە ئاساسەن، U23 قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان كوماندا ھوقۇقتىن ۋاز كەچكەن بولىدۇ، نەتىجە 3:0 بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى