• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    سونىينىڭ يېڭى نۇسخىدىكى شاۋقۇن پەسەيتكۈچى تىڭشىغۇچى WF-1000XM3 سېتىلىشقا باشلىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:45 07-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سونىينىڭ يېڭى نۇسخىدىكى شاۋقۇن پەسەيتكۈچى تىڭشىغۇچى WF-1000XM3 بازارغا سېلىندى، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى مال چىقىرىلىدۇ، باھاسى 1699 يۈەن.

    بۇ تىڭشىغۇچنىڭ سارغۇچ كۈمۈش رەڭ ۋە قارا رەڭلىك نۇسخىسى چىقىرىلغان. تىڭشىغۇچ سىرتقى يۈزىنىڭ ئالدى-كەينىگە قوش مىكروفون ئورنىتىلغان، ئەتراپتىكى ئوخشىمىغان چاستوتىدىكى مۇھىت ئاۋازىنى خاتىرىلىيەلەيدۇ. HD شاۋقۇن پەسەيتىپ بىر تەرەپ قىلغۇچ QN1e ئىشلىتىلگەن، خاتىرىلىگەن مۇھىت شاۋقۇنىنى بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك چاستوتىدىكى شاۋقۇن كاشىلىسىنى يوقىتىدۇ. بىر تەرەپ قىلغۇچقا رەقەملىك شاۋقۇن پەسەيتكۈچ، 24bit ئاۋاز سىگنالى بىر تەرەپ قىلغۇچ، رەقەملىك تەقلىدىي ئالماشتۇرغۇچ ۋە كۈچەيتكۈچ توپلاشتۇرۇلغان. بۇ تىڭشىغۇچ ئىچىدىكى SENSE ENGINE ئارقىلىق ھەرىكەت ھالىتىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن مۇھىت ئاۋازى ۋە شاۋقۇن لايىھەسىگە ئالماشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شاۋقۇن پەسەيتىدۇ.

    ئۇنىڭغا كۆك چىش 5.0 سەپلەنگەن، ئۆزەك ئاۋاز سىگنالىنى بىرلا ۋاقىتتا ئوڭ-سول تىڭشىغۇچقا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېز توك قاچىلاش ھالىتىدە 10 مىنۇت توك قاچىلىغاندا تەخمىنەن 90 مىنۇت مۇزىكا قويۇشقا بولىدۇ؛ تولۇق توك قاچىلانسا تەخمىنەن سەككىز سائەت ئىشلىتىشكە بولىدۇ، توك قاچىلاش قاپچۇقىدا تىڭشىغۇچقا ئۈچ قېتىم توك قاچىلاشقا بولىدۇ. بارماق بىلەن تىڭشىغۇچنىڭ سېزىمچان تاختىسىنى بېسىش ياكى سىيرىش ئارقىلىق ناخشا ئالماشتۇرۇش، قويۇش، ۋاقىتلىق توختىتىش، شاۋقۇن پەسەيتكۈچنى ئېچىش ۋە تاقاش مەشغۇلاتىنى قىلغىلى بولىدۇ.

    بۇ تىڭشىغۇچ رەسمىي سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى مال چىقىرىلىدۇ، باھاسى 1699 يۈەن.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى