• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئىتالىيەلىك داڭلىق ھايۋان كۆندۈرگۈچى تۆت يولۋاسنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:43 07-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 4-ئىيۇل كەچتە، ئىتالىيەنىڭ داڭلىق سېرك ئۆمىكىدىكى ھايۋان كۆندۈرگۈچى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز تۆت يولۋاسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېغىر يارىلانغان، ھەمدە خىزمەتداشلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئېچىنىشلىق قازا قىلغان.

    خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىتالىيەدىكى ئەڭ داڭلىق مارىيە مونتى ئوفى سېرك ئۆمىكى شۇ كۈنى بارى ئەتراپىدىكى بىر يېزىدا سەييارە ئويۇن قويغان. كەچ سائەت 7 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يەنى ئويۇن باشلىنىشتىن بىر سائەت بۇرۇن، سېرك ئۆمىكىدىكى دۇنيا بويىچە داڭلىق ھايۋان كۆندۈرگۈچى، بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن ئوتورې ۋېبېر تۆت يولۋاس بىلەن رېپېتىتسىيە قىلغان. تۇيۇقسىز، بىر يولۋاس ئۇنىڭغا قاتتىق ھۇجۇم قىلغان، ۋېبېردىن قان ئېتىلىپ چىققاندىن كېيىن، قالغان ئۈچ يولۋاسمۇ بىرلا ۋاقىتتا ۋېبېرغا ئېتىلىپ كېلىپ چىشلىگەن. سېرك ئۆمىكىدىكى باشقا خادىملار بۇ ئىشنى بايقىغاندىن كېيىن ۋېبېرنى قۇتقۇزۇپ چىققان، بىراق ۋېبېرنىڭ يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا نەق مەيداندا قازا قىلغان.

    ھايۋان كۆندۈرگۈچى ئوتورې ۋېبېرنىڭ ئايالى لولېداناۋ ۋوكانېلىمۇ بۇ سېرك ئۆمىكىنىڭ ھايۋان كۆندۈرگۈچىسى بولۇپ، ئېرىنىڭ ئېچىنىشلىق قازاسىغا ئامالسىز قالغان. سېرك ئۆمىكىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: ھايۋان كۆندۈرگۈچى ۋېبېر يولۋاسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قۇتقۇزۇۋېلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ جەسىتىنى يولۋاس نەچچە مىنۇت چىشلەپ تىتما-تىتما قىلىۋەتكەن.

    بۇ سېرك ئۆمىكىنىڭ ئېلانىدا ئۆزىنى بەش قىتئەدىن كەلگەن چوڭ تىپتىكى ھايۋانلار دەپ تەشۋىق قىلغان، بۇلار سىبىرىيە يولۋىسى، بېنگال يولۋىسى، تۆگە، زىراپە، تاغىل ئات، ياۋا كالا، ئات قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، ئوفى سېرك ئۆمىكى 15-ئىيۇن بارىغا يېتىپ بېرىپ سەييارە ئويۇن قويغان بولۇپ، ئەسلىدە 14-ئىيۇل ئويۇن قويۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن. قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئويۇن قويۇش پىلانىنىڭ داۋاملىشىدىغان-داۋاملاشمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەسكەن.

    خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئىتالىيە بارى تەپتىش مەھكىمىسى يولۋاس ھۇجۇمى ۋەقەسىگە ئارىلىشىپ، ھايۋان كۆندۈرگۈچى ۋەقەسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. دېلوغا مەسئۇل تەپتىش ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: تەپتىش مەھكىمىسى سېرك ئۆمىكىنىڭ سالاھىيىتىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ، ھەمدە خەتەرلىك ھايۋانلارنى بېقىش، باشقۇرۇش ۋە توشۇشقا كېرەكلىك ھۆكۈمەت ھوقۇق بەرگەن ئىجازەتنامىلىرىنىمۇ تولۇق تەكشۈرىدۇ. ساقچىلار سېرك ئۆمىكىدىكى يولۋاس ۋە باشقا ھايۋانلارنى تۇتۇپ قالغان ھەمدە بۇلىندىش رايونىدىكى ياۋايى ھايۋانات باغچىسىغا باشقۇرۇش ۋە بېقىشنى ھاۋالە قىلغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى