• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    مارستا تۇرۇپ يەر شارىغا قارىغاندا يەر شارى قانچىلىك يورۇق كۆرۈنىدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:27 06-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يوپيورۇق ئاي بەلكىم كېچىدە ئىنسانلارغا بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ پىلانېت بولۇشى مۇمكىن، مەيلى تۈرلۈك شېئىرىي ئەسەرلەر بولسۇن ياكى كۆتۈرۈلۈش-پەسىيىش كۈچىنىڭ تەسىرىدىن شەكىللەنگەن كۆتۈرۈلۈش-پەسىيىش بولسۇن، ھەتتا ھاياتلىقنىڭ مەنبەسىمۇ ئاي شارى بىلەن زور باغلىنىشچانلىققا ئىگە. ئەلۋەتتە بۇلار كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان تەسىرلەر، ئەمما بىر نۇقتا بىزگە ئايان، ئۇ بولسىمۇ ئاي شارى يورۇقلۇق چىقارمايدۇ، ئۇلار يەر شارىدىكىگە ئوخشاش ئالەمدىكى قايتقان نۇر ۋە قۇياشنىڭ نۇرىدىن ئىبارەت.

    بىرىنچى، ئاي شارى قانچىلىك يورۇق؟

    ئاي شارىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 3470 كىلومېتىر، يەر شارى دىئامېتىرى 12740 كىلومېتىرنىڭ 3.76دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، ئاي شارىنىڭ نۇر قايتۇرۇش نىسبىتى %7، تولۇن ئاينىڭ كۆرۈنمە يۇلتۇز چوڭلۇقى تەخمىنەن 12.6-، گەرچە ئۇ كېچە ئاسمىنىدا ئەڭ يورۇق پىلانېت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يورۇقلۇقىدا يەنىلا كىتاب كۆرگىلى بولمايدۇ.

    ئىككىنچى، ئاي شارىدا يەر شارىنى كۆرگەندە قانچىلىك چوڭلۇقتا كۆرۈنىدۇ، يورۇقلۇقى قانچىلىك؟

    ئاي شارىنىڭ رادىيوسى تەخمىنەن 1720 كىلومېتىر ئەتراپىدا، يەر شارى رادىيوسى بولسا 6370 كىلومېتىر، شۇڭا كۆرۈنۈش دىئامېتىرى ئاي شارىنىڭ تەخمىنەن تۆت ھەسسىسىگە باراۋەر، «تولۇق يەر»نىڭ «يورۇقلۇق چىقىرىش» كۆلىمى ئاي شارىنىڭ 13.5 ھەسسىسىگە باراۋەر، شۇڭا چوڭ-كىچىكلىكىدىن قارىغاندا، يەر شارىنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش كۆلىمى ئاي شارىنىڭ ئاز بولغاندا 10 ھەسسىسىگە باراۋەر؛ يەر شارىنىڭ يورۇقلۇق قايتۇرۇش نىسبىتى تەخمىنەن %36.7، بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئاي شارىدا تۇرۇپ يەر شارىغا قارىغاندا، يەر شارىدا تۇرۇپ ئاي شارىغا قارىغاندىكىگە سېلىشتۇرغاندا 70.78 ھەسسە يورۇق كۆرۈنىدۇ.

    ھەر بىر يورۇقلۇق دەرىجىسى ئارىسىدىكى يورۇقلۇق پەرقى 2.512 ھەسسە بولىدۇ، شۇڭا يەر شارىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ئاي شارىدىن تەخمىنەن 4.625- دەرىجە يورۇق، شۇڭا ئاي شارىدا تۇرۇپ يەر شارىغا قارىغاندىكى يورۇقلۇق دەرىجىسى 17.2245- بولىدۇ، بۇ يورۇقلۇقتا چوڭراق گېزىتنى بىمالال كۆرگىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە تەپسىلىي كۆرۈش يەنىلا خېلى قىيىن.


    ئۈچىنچى، باشقا پىلانېتتا تۇرۇپ يەر شارىغاندا قارىغاندا

    ئېنىقكى ئاي شارىدا تۇرۇپ يەر شارىغا قاراش ئەڭ ھەيران قالارلىق بىر ئىش، چۈنكى يەر شارى ھەم چوڭ ھەم يورۇق كۆرۈنىدۇ، يەنە كۆك رەڭلىك ئاسمان ۋە ئاق بۇلۇت، دېڭىز قاتارلىقلار بار، بۇ كۆرۈنۈش بىر كۈلرەڭ ئاق رەڭلىك ئاينى كۆرگەندىن ياخشى.


    مارستا يەر شارىنى كۆرگەندە ئەگەر چوڭايتىلمىسا كۆپچىلىك يەر شارىنى تاپالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بىز مارستا كۆرۈنگەن يەر شارىنىڭ قانچىلىك يورۇق ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەپ باقايلى:

    1. يەر شارى بىلەن مارسنىڭ ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 55 مىليون كىلومېتىر!

    2. 380 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاي شارىدا كۆرگەن ۋاقىتتىكى يەر شارىنىڭ يورۇقلۇقى 17.2245-؛

    3. يورۇقلۇق چىقارغۇچى جىسىمنىڭ شارچە يۈزىدىكى ئوخشىمىغان ئورۇندىكى يورۇقلۇق ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، مارستا قارىغاندىكى يورۇلۇق ئاي شارىدىكىنىڭ 1/3880466.47گە تەڭ؛

    4. بۇ 16.47 دەرىجە تۇتۇقلىشىپ كەتكەن باراۋەر؛

    5. مارستا يەر شارىنى كۆرۈش دەرىجىسى 0.755-؛

    مارستا ئاي شارىنى كۆرۈش دەرىجىسى 3.87؛

    يۇقىرىقى سۈرەت سەيياھ 1 ناملىق ئۇچقۇ 1990-يىلى يەر شارىغا ئالتە مىليارد 400 مىليون كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇندا تۇرۇپ تارتقان سۈرەت، يەر شارى بۇ سۈرەتتە بىر كىچىك چېكىت ھالىتىدە كۆرۈنگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى