• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    يېڭى نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلىدا نېمە ئۈچۈن 5 يۈەن ۋە 100 يۈەن يوق؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:20 06-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    8-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلىنى تارقىتىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە 50 يۈەنلىك، 20 يۈەنلىك، 10 يۈەنلىك، 1 يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋە 1 يۈەنلىك، 5 مولۇق، 1 مولۇق تەڭگە پۇل بار.

    1 يۈەن، 5 مو، 1 مولۇق تەڭگە پۇللارنى بۇرۇنقى نۇسخىسىغا سېلىشتۇرغاندا قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟ قانداق ساختىلىقتىن ساقلىنىش بەلگىلىرى قوشۇلغان؟

    يېڭى 5-يۈرۈش خەلق پۇلىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟

    50 يۈەن


    ئالدى يۈزى


    ئوتتۇرىسىدىكى سومما رەقىمى نۇردا ئۆزگىرىدىغان «50» دېگەن رەقەمگە ئۆزگەرتىلدى؛

    سول ئاستى بۇرجىكىدىكى نۇردا ئۆزگىرىدىغان سومما رەقىمى سىممېتىرىك رېزىنكە باسما نەقىشكە ئۆزگەرتىلدى؛

    ئوڭ تەرەپكە نۇرغا سەزگۈر تۆشۈكلۈك بىخەتەرلىك سىزىقى ۋە تىك نومۇر قوشۇلدى؛


    ئارقا يۈزى


    ئاساسىي مەنزىرىسى، سومما رەقىمى، رېزىنكە باسما نەقىشنىڭ شەكلى تەڭشەلدى، كولوگرافىك ماگنىتلىق بىخەتەرلىك سىزىقى ۋە ئوڭ ئاستى بۈۇجىكىدىكى قىسمەن نەقىشلەر بىكار قىلىندى، يىلى «2019-يىلى»غا ئۆزگەرتىلدى.

    20 يۈەن


    ئالدى يۈزى


    ئوتتۇرىسىدىكى سومما رەقىمى نۇردا ئۆزگىرىدىغان «20» دېگەن رەقەمگە ئۆزگەرتىلدى؛

    كولوگرافىك بىخەتەرلىك سىزىقى ئېلىۋېتىلدى؛

    سول تەرەپتىكى رېزىنكە باسما نەقىش تەڭشەلدى؛

    ئوڭ تەرەپكە نۇرغا سەزگۈر تۆشۈكلۈك بىخەتەرلىك سىزىقى ۋە تىك نومۇر قوشۇلدى؛


    ئارقا يۈزى


    ئاساسىي مەنزىرىسى، سومما رەقىمى، رېزىنكە باسما نەقىشنىڭ شەكلى تەڭشەلدى، ئوڭ ئاستى بۇرجىكىدىكى قىسمەن نەقىشلەر بىكار قىلىندى، يىلى «2019-يىلى»غا ئۆزگەرتىلدى.

    10 يۈەن


    ئالدى يۈزى


    ئوتتۇرىسىدىكى سومما رەقىمى نۇردا ئۆزگىرىدىغان «10» دېگەن رەقەمگە ئۆزگەرتىلدى؛

    كولوگرافىك بىخەتەرلىك سىزىقى ئېلىۋېتىلدى؛

    سول تەرەپتىكى رېزىنكە باسما نەقىش تەڭشەلدى؛

    ئوڭ تەرەپكە نۇرغا سەزگۈر تۆشۈكلۈك بىخەتەرلىك سىزىقى ۋە تىك نومۇر قوشۇلدى؛


    ئارقا يۈزى


    ئاساسىي مەنزىرىسى، سومما رەقىمى، رېزىنكە باسما نەقىشنىڭ شەكلى تەڭشەلدى، ئوڭ ئاستى بۇرجىكىدىكى قىسمەن نەقىشلەر بىكار قىلىندى، يىلى «2019-يىلى»غا ئۆزگەرتىلدى.

    1 يۈەن


    ئالدى يۈزى


    ئالدى يۈزىنىڭ سول تەرىپىگە سومما رەقىمى ئاق سۇ باسمىسى قوشۇلدى، سول ئاستى بۇرجىكىدىكى بېزەك نەقىشلەر ئېلىۋېتىلدى.


    ئارقا يۈزى


    ئاساسىي مەنزىرىسى، سومما رەقىمى تەڭشەلدى، ئوڭ ئاستى بۇرجىكىدىكى قىسمەن نەقىشلەر بىكار قىلىندى، يىلى «2019-يىلى»غا ئۆزگەرتىلدى.


    ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم تەڭگە پۇللارنىڭ ماتېرىيالى، سومما رەقىمى قاتارلىق تەرەپلىرىگىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.

    1 مولۇق تەڭگە پۇل

    ئالدى يۈزىنىڭ گىرۋىكىگە يۇمىلاق نۇقتا قوشۇلدى.

    5 مولۇق تەڭگە پۇل

    ماتېرىيالى پولات ئۆزەكلىك مىس يالىتىلغان ماتېرىيالدىن پولات ئۆزەكلىك نىكېل يالىتىلغان ماتېرىيالغا ئۆزگەرتىلدى، رەڭگى سېرىق رەڭدىن ئاق رەڭگە ئۆزگەرتىلدى. ئالدى يۈزىنىڭ گىرۋىدىكى يۇمىلاق نۇقتىلار كۆپ تەرەپلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

    1 يۈەنلىك تەڭگە پۇل

    دىئامېتىرى 25 مىللىمېتىردىن 22.25 مىللىمېتىرغا كىچىكلىتىلدى. ئالدى يۈزىدىكى سومما رەقىمى «1»نىڭ گىرۋەك سىزىقلىرىغا كۆرۈنمەس شەكىلدە «¥» ۋە «1» قوشۇلدى، گىرۋىكىگە يۇمىلاق نۇقتا كۆپەيتىلدى.

    دىققەت: تەڭگە پۇلدىكى يىل تەڭگە پۇلنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان يىلى، ھەرگىزمۇ نۇسخا يىلىنى كۆرسەتمەيدۇ.


    نېمە ئۈچۈن 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ؟

    خەلق پۇلىنى ئوبوروت قىلىشنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىپ، خەلق پۇلىنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، خەلق پۇلىنىڭ ئومۇمىي ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، 5-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ يۈرۈشلىشىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش 50 يۈەنلىك، 20 يۈەنلىك، 10 يۈەنلىك، 1 يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋە 1 يۈەن، 5 مو، 1 مولۇق تەڭگە پۇلنى تارقىتىشنى قارار قىلدى، ھازىرقى 5-يۈرۈش خەلق پۇلىدىكى ئاساسلىق نەقىش قاتارلىقلار ئۆزگەرتىلمىگەن ئەھۋالدا، پۇل يۈزىنىڭ ئۈنۈمى، ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئالاھىدىكى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلار تەڭشەلدى، ئىلغار ساختىلىقتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئامما ۋە ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ پەرقلەندۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىلدى.


    نېمە ئۈچۈن 1 يۈەن، 5 مو، 1 مولۇق تەڭگە پۇلدىكى سومما رەقىمى يانتۇ رەقەمگە ئۆزگەرتىلىدۇ؟

    سومما رەقىمىنىڭ خەت شەكلى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، رەقەمنىڭ شەكلى كۆركەم، ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان بولدى، ياندىكى سومما پىنيىن خېتى، خەلق پۇلى بىرلىكىنىڭ شەكلى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتى.

    سومما رەقىمى يانتۇ قىلىنغاندىن كېيىن كۆرۈنۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ ئۆزگىچە، يېڭىچە تۈسكە ئىگە بولدى ھەمدە كۆزگە تېخىمۇ بەكرەك چېلىقىدىغان بولدى؛ سومما رەقىمىنىڭ سىزىقچىلىرىدا ئىنچىكە ئۆزگىرىش بولۇپ، رەقەمنىڭ ئىستىرىئولۇق ئۈنۈمى كۈچەيتىلدى.


    نېمە ئۈچۈن 1 يۈەنلىك تەڭگە پۇلنىڭ ئۆلچىمى، 5 مولۇق تەڭگە پۇلنىڭ ماتېرىيالى ئۆزگەرتىلىدۇ؟

    1 يۈەنلىك تەڭگە پۇلنىڭ دىئامېتىرى 25 مىللىمېتىردىن 22.25 مىللىمېتىرغا ئۆزگەرتىلدى. 1 يۈەنلىك تەڭگە پۇلنىڭ ئۆلچىمى تەڭشەلگەندىن كېيىن دىئامېتىرى %11 كىچىكلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولدى.

    5 مولۇق تەڭگە پۇلنىڭ ماتېرىيالى 1999-يىللىق نۇسخىدىكى 5 مولۇق تەڭگە پۇلنىڭ پولات ئۆزەكلىك مىس يالىتىلغان ماتېرىيالدىن پولات ئۆزەكلىك نىكېل يالىتىلغان ماتېرىيالغا ئۆزگەرتىلدى. بۇرۇنقى پولات ئۆزەكلىك مىس يالىتىش ھۈنەر-سەنئىتى دۆلەتنىڭ سانائەت سىياسىتىگە ئاساسەن شاللىۋېتىلگەن ئارقىدا قالغان ھۈنەر-سەنئەتكە تەۋە.


    نېمە ئۈچۈن 5 يۈەن ۋە 100 يۈەنلىك قەغەز پۇل يوق؟

    يېڭى نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى، ئەمما بىزگە ئەڭ تونۇش بولغان 100 يۈەنلىك قەغەز پۇل، 5 يۈەنلىك قەغەز پۇل يوق، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

    مەركىزىي بانكىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 5 يۈەنلىك قەغەز پۇلنى يېڭىلاش تەتقىقات خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇۋېتىپتۇ. خەلق پۇلىنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى ۋە ئوبوروت قىلىش ئۆمرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، نۆۋەتتە سوممىسى تۆۋەنرەك، ئوبوروت مىقدارى ئازراق بولغان 5 يۈەنلىك قەغەز پۇلغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېخنىكا تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، تارقىتىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن.

    100 يۈەنلىك قەغەز پۇلغا كەلسەك، 2015-يىلى 11-ئايدا يېڭى نۇسخىدىكى 100 يۈەنلىك قەغەز پۇل تارقىتىلغان، ئۇنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. شۇڭا بۇ قېتىملىق پۇلدا 100 يۈەنلىك پۇل يېڭىلانمىدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى