• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كورېيە تومۇز ئىسسىقتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:10 06-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 5-ئىيۇل تېلېگراممىسى: كورېيە خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى (KBS) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 5-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا، كورېيەنىڭ سېئول قاتارلىق پايتەخت ئەتراپى ۋە كاڭ ۋوندو رايونىدا تومۇز ئىسسىقتىن سىگنال بېرىلگەن، بۇ كورېيەنىڭ 2019-يىلى تۇنجى قېتىم بۇ سىگنالنى ئېلان قىلىشى، شۇنداقلا تومۇز ئىسسىقتىن ئالاھىدە مەلۇمات بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، پايتەخت ئەتراپى تارىخىدا تۇنجى قېتىم جەنۇبىي رايونلارغا نىسبەتەن ئالدىن سىگنال بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.

    خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كورېيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ئۇدا ئىككى كۈن 35 سېلسىيە گرادۇستىن ئاشقاندا، تومۇز ئىسسىقتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، 33 سېلسىيە گرادۇستىن ئاشقاندا تومۇز ئىسسىقتىن دىققەت قىلىش سىگنالى ئېلان قىلىنغان. 5-چېسلا چۇنچىيون ۋە ۋونجۇنىڭ كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 35 سېلسىيە گىرادۇس، سېئولنىڭ 34 سېلسىيە گىرادۇس، تەيگۇنىڭ 33 سېلسىيە گىرادۇس بولغان.

    كورېيە مېتىئورولوگىيە نازارىتى، سېئولدىكى قىسمەن رايونلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسىنىڭ 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى مۆلچەرلىگەنلىكى ئۈچۈن تومۇز ئىسسىقتىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. مېتېئورولوگىيە نازارىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 6-ئىيۇل سېئولدا كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇسقا ئۆرلەيدىكەن، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى رايونلاردا تېمپېراتۇرا 5-چېسلادىكى تېمپېراتۇرادىن يۇقىرى بولىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى