• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    قىيادا ئولتۇرغان قىزنىڭ ئۈستىگە غايەت زور تاش چۈشۈپ ئۆلتۈرۈپ قويدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:09 06-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تۇرمۇشتا كۈتۈلمىگەن بالا-قازا، خېيىم-خەتەرلەردىن ساقلانماق ناھايىتى تەس. يېقىندا ئىسپانىيەلىك بىر قىز تىك قىيا ئاستىدىكى تاشتا ئولتۇرۇپ ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىۋاتقاندا، ئويلىمىغان يەردىن ئۈستى تەرەپتىن يېرىم توننا ئېغىرلىقتىكى تاش چۈشۈپ بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان.

    ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى»نىڭ 4-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئىش ئىسپانىيەنىڭ ماللوركا ئارىلى (Mallorca) دىكى دېڭىز ساھىلىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، 24 ياشقا كىرگەن ساندرا ئىسىملىك قىز كۈتۈلمىگەندە كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قازا قىلغان.

    ساندرا ئىسىملىك قىز 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئادرادو ئىسىملىك خىزمەتدىشىنى يۇقارقى ئىش يۈز بەرگەن دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ بىللە ئويناپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغان. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن، ئادرادو بىلەن ساندرا ئولتۇرغان قىيا ئۈستىدىن يېرىم توننا ئېغىرلىقتىكى غايەت زور تاش چۈشۈپ ئۇلارنى بېسىۋالغان، نەتىجىدە، ساندرا ئىسىملىك قىز نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە قازا قىلغان، ئادرادونىڭ ئىككى پۇتى سۇنغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ھازىرچە ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن.

    بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئادرادو مىڭبىر مۇشەققەتتە تېلېفون قىلىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان، قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىككى سائەت ھەپىلىشىپ ئۇنى تاش ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋالغان ھەم دەرھال دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئاپارغان.

    ئادرادو ئەينى چاغدىكى قورقۇنچلۇق ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «ئەينى چاغدا ساندرا بىلەن ئىككىمىزنى تاش بېسىۋالغان بولۇپ، مەن ساندرانىڭ ئىسمىنى توختىماي چاقىرغان بولساممۇ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق سادا كەلمىدى، بەختىمگە يارىشا، ئەينى چاغدا يانفونۇم يېنىمدا بولغاچقا ئالاقىدار تارماقلارغا تېلېفون قىلىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغانىدىم».

    بۇ ئىش يۈز بەرگەن جاي تىك قىيانىڭ يېنىدا بولۇپ، ئەسلىدە كىشىلەرنىڭ ساياھەت قىلىشىغا ئېچىۋېتىلگەنىكەن. بۇ جايدا ئىلگىرى تاش دومىلاپ چۈشۈپ ئادەم يارىلاندۇرىدىغان ئىشلار ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، ھازىرچە بۇ ۋەقەنىڭ كونكىرت سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغانىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى