• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى شاپتۇل يېسە بولامدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:02 06-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    7-ئاي كىرگەندىن كېيىن شىرنىلىق شاپتۇل، توغاچ، ياۋا شاپتۇل، سېرىق شاپتۇل قاتارلىق ھەر خىل شاپتۇل سورتلىرى ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى، شاپتۇل ياز پەسلىدە ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر خىل مېۋە ھېسابلىنىدۇ. قاتتىق ۋە يۇمشاق شاپتۇل تۈرلىرى بار، شۇڭا مەيلى چىشى ياخشى ياشلار بولسۇن ياكى چايناش ئىقتىدارى ناچار ياشانغانلار بولسۇن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان سورتلارنى تاپالايدۇ.

    شاپتۇلنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى، جۈملىدىن ئېرىشچان تالا ۋە ئېرىمەس تالا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئۇ يۇمران، شىرنىلىك بولۇپ «ياز پەسىللىك مېۋىلەر خانىشى» دېيىلىدۇ.

    نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ نەزىرىدە «شاپتۇل بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان مېۋە» ھېسابلىنىدۇ، ئۇنداقتا بارلىق ياشانغانلارنىڭ يېيىىشىگە ماس كېلەمدۇ؟ ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلىشىپ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: شاپتۇل «مېۋىلەر خانىشى» دەپ ئاتىلىدۇ، لېكىن دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى يېسە بولامدۇ؟ ياز پەسلىدە توغرا ئۇسۇلدا شاپتۇل ئىستېمال قىلىش كېرەك:

    دۆلىتىمىزدە دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى 100 مىليوندىن ئاشىدۇ، يەنە نۇرغۇن يوشۇرۇن دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى تېخى بايقالمىدى، شۇڭا كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە شېكەرنى كونترول قىلىش ھالقىلىق ئىش. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى تەركىبىدە شېكەر بولغان تاتلىق يېمەكلىكلەرنى، ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلغاندىن سىرت ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مىقدارى يۇقىرى بولغان ئاساسلىق يېمەكلىك ۋە كۆكتاتتىن باشقا قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغان مېۋىلەرنىڭمۇ مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك.

    شۇڭا، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى تاماقتىن كېيىن شاپتۇلنى زىيادە كۆپ يېسە، قان شېكىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىككى ۋاق تاماق ئارىلىقىدىكى ۋاقىتتا مۇۋاپىق مىقداردا يېيىش، ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر تال يېيىش كېرەك.

    بەزى ئاياللار «شاپتۇلنىڭ تۆمۈر تەركىبى يۇقىرى، قان ئازلىق كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ، شاپتۇلدىكى تۆمۈر تەركىبى ئالمىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى» دەپ قارايدۇ.

    بۇ بىر خىل خاتا قاراش بولۇپ، ئالما تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن، شاپتۇل تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى ئالمىنىڭ ئون ھەسسىسىگە توغرا كەلسىمۇ، يەنىلا قان تولۇقلايدىغان ياخشى يېمەكلىك ئەمەس. تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر 100 گىرام شاپتۇل تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى ئاران 0.8 مىللىگرام ئەتراپىدا ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋىدىكى تۆمۈر غەيرىي قىزىل قان تۆمۈرىگە تەۋە بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۇنى سۈمۈرۈش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن.

    ئەگەر تۆمۈر تولۇقلاشقا توغرا كەلسە، كالا-قوي گۆشى، ئۆردەك قېنى قاتارلىق تۆمۈر تەركىبى يۇقىرى ھەمدە قىزىل قان تۆمۈرىگە تەۋە يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك ئىكەن.

    ھەر خىل سورتلار ئىچىدە توغاچ شاپتۇلىنىڭ ئورگانىك كىسلاتا تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەن، ئاشقازان ياللۇغى ياكى ئاشقازان يارىسى بار كىشىلەر كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. سېرىق شاپتۇلنى بىۋاسىتە يېگەندە تەمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنى ئېلىپ كېلىپ كونسېرۋا قىلىشقا ماس كېلىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى