• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كارتىك ئاريان بىلەن سارا ئەلى خاننىڭ كىيىنكى فىلىمنىڭ نامى بېكىتىلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:58 06-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    كارتىك ئاريان بىلەن سارا ئەلى خان ئىمتىياز ئەلىنىڭ بىر فىلىمى ئۈچۈن توختام ئىمزالاپ، فىلىم ئاخىرقى ئىشلەش باسقۇچىغا كىردى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ كىنوغا ۋاقتىنچە «Love Ajkal 2» دەپ نام بېرىلگەن. بۇ فىلىم ئىمتىيازنىڭ 2010- يىلى ئىشلەنگەن، سەيىف ئەلى خان ۋە دىپىكا پادۇكون باش رول ئالغان فىلىمنىڭ داۋامى. ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە، فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ كىنونىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان، لېكىن ھازىر، ئىمتياز ئەلى ئاخىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا، ئۇنىڭ «Love Ajkal 2» دەپ ئاتالغانلىقىنى جاكارلىدى.

    ئىمتياز كىنونىڭ ئاساسلىق باش رولچىلىرى كارتىك بىلەن سارانىڭ رومانتىك سۈرەتلىرىنى ئورتاقلاشقان. بۇ ئۇلارنىڭ ئىسسىق ھەم ئاچچىق مۇھەببەتلىك ئۇچقۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. رېژىسسور بۇ سۈرەتكە «كىنونى نەپەس ئالدۇرىدىغان ئوكسىگېن» دەپ ماۋزۇ قويغان. ئۇ ناھايىتى تېزلا كارتىكنىڭ سۈرىتىنى چاپلىغان ھەمدە ئۇنىڭ كېيىنكى «Love Ajkal» دېگەن تېمىدىكى خەۋىرىنى ئېلان قىلغان.

    تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، كارتىك ئاريان بىلەن سارا ئەلى خان بۇ كىنونى شىماژولدا سۈرەتكە ئېلىشنى تاماملىغان. ئىمتياز ئەلى، دېنېش ۋېجان ۋە رىلىلانىس كۆڭۈل ئېچىش شىركىتى ئىشلىگەن بۇ كۈچلۈك مۇھەببەت ھېكايىسى 2020-يىلى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا قويۇلىدۇ.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى