• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    تەننەرخنى ئازايتىش ئۈچۈن LG شىركىتى جىڭدۇڭفاڭنىڭ OLED ئېكرانىنى زاكاز قىلىشى مۇمكىن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:57 06-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    خۇاۋېي ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق زور كۈچ بىلەن قوللىغاندىن باشقا، جىڭدۇڭفاڭنىڭ OLED ئېكرانى يېڭى خېرىدار-- LG ئېلېكترون شىركىتىنى كۈتىۋالدى. كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، LG ئېلىكتىرونى جىڭدوڭفاڭ بىلەن سودا ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىۋاتقان بولۇپ، LG شىركىتى ئەقلىي يانفونلارغا ئىشلىتىلىدىغان OLED نى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. ئىگىلىنىشىچە، يۇقىرىقى قارار بۇلتۇرقى LG كۆچمە خەۋەرلىشىش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى چۈەن فېڭشو چىقارغان تەننەرخنى ئازايتىش تەدبىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، تارماقلار ئارقا-ئارقىدىن زىيان تارتقاچقا، LG ئېلېكترون شىركىتى يەنە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ۋېيتنامغا يۆتكەشنى قارار قىلغان.

    ئەمەلىيەتتە LG نىڭ يانفون كەسپىي ئەزەلدىن قېرىنداش شىركەت LGDisplay نىڭ چوڭ خېرىدارى ئەمەس ئىدى، زاكاز ئۈلۈشى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئاران %30 بولغان، بۇ يىل 1-پەسىلدە تېخىمۇ تۆۋەنلەپ %20 كە چۈشۈپ قالغان.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭ بازار جەھەتتە يانفون ئىشلىتىلىدىغان LCD (سۇيۇق كرىستال ئېكران) ئېكرانى رىقابىتىدە LG شىركىتى جىڭدۇڭفاڭ ۋە تۇلپار شىركىتىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى ، OLED ئېكرانى ساھەسىدىمۇ پۇت تىرەپ تۇرالماي قالدى، ئۇدا ئىككى ئەۋلاد iPhone ئۇنىڭ تەكشى ئېكرانىنى كۆزگە ئىلمىدى، پەقەت Apple Watch قىلا بىر تۈركۈم ئېكران ئىشلىتىلدى.

    ئۇنىڭدىن باشقا پايدا ئېلىش ئۈچۈن LG ئېلېكترون شىركىتى ھەتتا رادىكال بولغان ئىسكىلات قالدۇقىنى باشقۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇ ئۇسۇل ھەتتا V50 ThinQ نىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى