• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ساررى كىرىستىيانو رونالدونى ئوتتۇرا ھۇجۇم ئورنىغا قويۇپ رېكورت بۇزغۇزماقچى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:32 28-06-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يۇۋېنتۇس ساررىنى باش ترېنېرلىققا تەيىنلىدى، ساررىمۇ ئارام ئېلىۋاتقان كىرىستىيانو رونالدو بىلەن كۆرۈشۈپ يېڭى مۇسابىقە پەسلىگە تەييارلىق كۆرۈشنى باشلىدى.

    ئىگىلىنىشىچە، ساررى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ كىرىستىيانو رونالدونى ئوتتۇرا ھۇجۇم ئورنىغا قويۇشنى پىلانلىغان.

    ساررى كىرىستىيانو رونالدونىڭ ھىگۇايىن ياراتقان ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ يەككە مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى يېڭىلىشىغا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، ھىگۇايىن 2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە دەل ساررىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 36 توپ كىرگۈزۈپ ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە رېكورت ياراتقان.

    ساررى ناپولىدىكى ۋاقتىدا ھىگۇايىن ۋە مېرتېنسنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان، كىرىستىيانو رونالدومۇ ئوتتۇرا ھۇجۇم ئورنىدا تېخىمۇ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلالىشى مۇمكىن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى