• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    سامسۇڭ Galaxy A80 يانفونىنىڭ سېتىلىش باھاسى ئاشكارىلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:29 28-06-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    سامسۇڭ Galaxy A80 يانفونى پات ئارىدا جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىدا بازارغا سېلىنىدۇ. ئورگان تەرەپ 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا رەسمىي سېتىلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى، بۇ يانفون قارا، سۇس قارا ۋە ئالتۇن رەڭلەردە چىقىرىلىدۇ، سېتىلىش باھاسى 19990 يېڭى تەيۋەن پۇلى (تەخمىنەن 4400 يۈەن خەلق پۇلى). بۇ يانفوندىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا بولسا سىيرىلما ئايلانما كامېرا لايىھىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 6.7 دىيوملۇق ماڭلايسىز پۈتۈن ئېكران لاھىيىسى قوللىنىلغان، كەينى يۈزىگە 48 مىليون پىكسېللىق ئاساسىي كامىرا + 8 مىليون پىكسېللىق ئۇلترا كەڭ بۇلۇڭلۇق كامىرا + 3 D كامىرا گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىشلەتكۈچى ئۆزتارتىم ئەندىزىسىنى تاللىغاندا، كامېرا ئاپتوماتىك ھالدا يانفون گەۋدىسىدىن ئالدى تەرەپكە ئايلىنىدۇ، بۇ سامسۇڭنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئۆز تارتىم كامېراسى بولۇشى مۇمكىن.

    ئورگان تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سامسۇڭ Galaxy A80 يانفونى 30 خىل AI مەنزىرە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، زاتۋورنى باسقاندا يەنە «تەكشۈرۈش» ئىقتىدارىغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا Super Steady سىن ئېلىش ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلەپ، كۆرۈنۈشنىڭ تىترىشىنى ئازايتىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تېخىمۇ ئېنىق ھەرىكەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

    يادرولۇق سەپلىمىسى جەھەتتە، سامسۇڭ Galaxy A80 يانفونىغا سىناپدىراگون 730 تىپلىق كۆچمە بىر تەرەپ قىلغۇچ، (يەر شارى بويىچە تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان)، 128GB لىق ئاساسىي سىغىم بوشلۇقى، 8GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 3700mAh لىق باتارېيە سەپلەنگەن، 25W تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى