• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    بارسېلونا پەقەت 350 مىليون ياۋرو چىقارغاندىلا ئاندىن نېيمارنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:28 28-06-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    چەتئەل تاراتقۇسى «RMC»نىڭ بىر نەپەر داڭلىق مۇخبىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە يېقىندىن بۇيان نېيمارنىڭ بارسېلوناغا قايتىشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ناھايىتى كۆپ تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما پارىژ سانت گېرمان تەرەپ نېيمارنى ئۇنداق ئاسانلىقچە قويۇپ بەرمەيدىكەن، بارسېلونانىڭ پەقەت ۋە پەقەت 350 مىليون ياۋرو چىقىرىش تاللىشىلا بار ئىكەن، بولمىسا بۇ توغرىسىدىكى ھەرقانداق سۆھبەت رەت قىلىنىدىكەن.
    ئۇ مۇخبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«نېيمار پارىژ سانت گېرماندا ھەقىقەتەن تازا خۇشال بولالمىدى، بولۇپمۇ ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە ئاي مابەينىدە يارىلىنىش ئۇنى ئىزچىل بىئارام قىلىپ كەلدى، پارىژ سانت گېرماننىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىن شاللىنىپ كېتىشىمۇ ئۇنىڭ كەيپىياتىنى بۇزىۋەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم مۇسابىقىلەردە توپ مەستانىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلىسىمۇ ئۇنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. ئەمما مېنىڭچە، بۇ نۇقتا نېيمارنىڭ ئۆزىگىمۇ ئايان، ئۇنىڭ باھاسى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇ پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى مائاشلىق توپچىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھازىر يارىلىنىشتىن ئەسلىگە قايتىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ مەيدان سىرتىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلىرىمۇ بار.»
    «شۇڭا ھازىرقى ئەھۋال ناھايىتى مۇرەككەپ. پارىژ سانت گېرماننىڭ پوزىتسىيەسى ناھايىتى ئېنىق، نېيمار بولسا سېتىلماس توپچى، ئۇلار نېيمارنىڭ باھاسىنى 350 مىليون ياۋرو دەپ بىلىدۇ، ئەمما بارسېلونانىڭ ئاۋۋال گرېزماننى قوشۇۋېلىپ ئارقىدىن 350 مىليون ياۋرو چىقىرىپ نېيمارنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس، نېيمارنى قايتۇرۇپ ئەكىلىمىز دەيدىكەن ئۇلار چوقۇم ئەسقاتىدىغان باشقىچە بىر لاھىيە تېپىشى كېرەك، ئەمما بۇنداق لاھىيە ھازىر ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرى ئىشەنچلىك ئەمەس، ھازىرقى ئەھۋال ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ مۇرەككەپ.»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى