• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    AC مىلان دوننارۇممانى ساتماقچى، پارىژ سانت گېرمان سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:27 28-06-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىتالىيەلىك داڭلىق يۆتكىلىش مۇتەخەسسىسى دىمارزىئونىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، AC مىلان ياش قاپقىچىسى دوننارۇممانى سېتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، پارىژ سانت گېرمان بۇ تالانتلىق قاپقىچىنى قوشۇۋالماقچى ئىكەن.

    گەرچە دوننارۇممانىڭ AC مىلاندىن ئايرىلغۇسى بولمىسىمۇ، لېكىن AC مىلان ئىقتىساد ئادىللىق قانۇن لايىھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دوننارۇممانىڭ AC مىلان بىلەن ئىمزالىغان توختامى ئىككى يىلدىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، پارىژ سانت گېرمان 20 ياشلىق بۇ قاپقىچىغا ئېرىشمەكچى بولۇپ، AC مىلاننىڭ سابىق تېخنىكا باش نازارەتچىسى لېئوناردو دوننارۇممانى پارىژ سانت گېرمانغا ئېلىپ بارماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، AC مىلان دوننارۇمماغا 50 مىليون ياۋرو باھا بېكىتكەن، پارىژ سانت گېرمان ئاساسلىق قاپقىچىسى ئارېئولاغا 20 مىليون ياۋرو قوشۇش ئارقىلىق دوننارۇمماغا ئېرىشمەكچى بولغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى