• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    فېلىكس پۇتبول دۇنياسىدىكى يۆتكىلىش سوممىسى رەت تەرتىپىدە تۆتىنچى ئورۇندا

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:24 28-06-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    مادرىد ئاتلېتكا بېنفىكادىكى ياش توپچى فېلىكسنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن 126 مىليون ياۋرو سەرپ قىلدى (120 مىليون ياۋرو توختام بىكار قىلىش ھەققى ۋە ئالتە مىليون ياۋرولۇق ئارقىغا سۈرۈش ھەققى)، بۇ سودا پەقەتلا ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنىشنىلا ساقلاپ قالدى. سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، فېلىكس پۇتبول دۇنياسىدىكى يۆتكىلىش سوممىسى رەت تەرتىپىدە تۆتىنچى ئورۇنغا چىققان بولۇپ، پورتۇگالىيەلىك توپچىلار ۋە مادرىد ئاتلېتكا كوماندا تارىخىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

    پۇتبول دۇنياسىدىكى يۆتكىلىش سوممىسى رەت تەرتىپى:

    1. نېيمار: 222 مىليون ياۋرو، پارىژ سانت گېرمان

    2. مباپپې: 180 مىليون ياۋرو، پارىژ سانت گېرمان

    3. كوتىنھو: 120 مىليون ياۋرو+40 مىليون ياۋرو، بارسېلونا

    4. فېلىكس: 120 مىليون ياۋرو، مادرىد ئاتلېتكا

    5. كىرىستىيانو رونالدو: 112 مىليون ياۋرو، يۇۋېنتۇس

    6. ئوسمان دېمبېلې: 105 مىليون ياۋرو+40 مىليون ياۋرو، بارسېلونا

    7. پوگبا: 105 مىليون ياۋرو+بەش مىليون ياۋرو، مانچېستېر بىرلەشمىسى

    8. نېيمار: 103 مىليون 500 مىڭ ياۋرو، بارسېلونا

    9. بېل: 101 مىليون ياۋرو

    10. خازارد: 100 مىليون ياۋرو+30 مىليون ياۋرو، خانلىق مادرىد

    تەكىتلەشكە تىگىشلىكى شۇكى، كىرىستىيانو رونالدونىڭ 2009-يىلى 96 مىليون ياۋرولۇق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان رېكورتى 10 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىدىن چىقىپ كەتكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى