• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كۆزەينەكلىك يىلان پادىشاھىغا نوچىلىق قىلغان يىلپىز زەھەرلىنىپ ھوشىدىن كەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:57 18-03-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يىلپىز يايلاقتىكى ئىنتايىن قالتىس ئوۋچى، تۈرلۈك ئوتخور ھايۋانلارغا تاقابىل تۇرغاندا ناھايىتى زور قىرغىنچىلىق كۈچىنى جارىي قىلدۇرالايدۇ. يىلپىز ئوتخور ھايۋانلارغا تاقابىل تۇرالىغاندىن باشقا، بەزىدە باشقا گۆشخور ھايۋانلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىدۇ، داڭلىق مېللىۋورامۇ يىلپىزنىڭ قولىدا ئۆلگەن. يىلپىز بەدىنىنىڭ جانلىقلىقى، سۈرئىتىنىڭ تېزلىكىگە تايىنىپ دەرەختە ئارام ئېلىۋاتقان بۈركۈتكىمۇ تېزلىكتە ھۇجۇم قىلالايدۇ. لېكىن كونىلار «غوجامنىڭ غوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى بار» دەپ توغرا ئېيتقان، بۈركۈت بىلەن مېللىۋورا ئىككىلىسى داڭلىق يىلان يېيىش مۇتەخەسسىسى، يىلپىز ئۇلارغا تاقابىل تۇرغاندا تولىمۇ ئەركىن، لېكىن يىلانغا تاقابىل تۇرۇشتا ھودۇقۇپ كەتكەن.

    بىر توپ يىلپىز ئارام ئېلىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى باشقىچە ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قالدى، ئۇ بۈگۈن ئىشتىھانى ئاچىدىغان ياخشىراق يېمەكلىككە ئېرىشەلەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدى. بۇ يىلپىز ئاۋاز چىققان تەرەپكە مېڭىپ ئىزدىدى، ئۇ ئاۋۋال دەرەخنىڭ كامىرىغا قاراپ باقتى، لېكىن ئۇ يەردىن ھېچنېمە تاپالمىدى. يىلپىز ۋاز كەچمىدى، ئۇ يېمەكلىك تاللىمايدىغان ھايۋان بولۇپ، كىچىككىنە بىر ھايۋاننىمۇ مەززە قىلىپ يەۋېرىدۇ. يىلپىز چاتقاللىقنى بويلاپ ماڭدى، ئۇ ھايۋان ئاخىرى ئۆزىنى كۆرسەتتى، ئەسلىدە بىر يىلان ئىكەن.

    يىلپىز بوغما يىلاننى ئۆلتۈرۈشكىمۇ پېتىنالىغان يەردە ئادەتتىكى يىلانلارغا تېخىمۇ گەپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يىلپىز ئاستا-ئاستا يېقىنلاشتى، بۇ يىلانمۇ يىلپىزنىڭ سايىسىنى بايقىدى. ئۇ تۇيۇقسىز بەدىنىنى تۈزلىدى، ئەسلىدە كۆزەينەكلىك يىلان پادىشاھى ئىكەن، كۆزەينەكلىك يىلان پادىشاھى بىلەن يىلپىز ئىككىلىسى ھىندىستانغا تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى بىلىدىغان، ئەمەلىي كۈچ ئېلىشىدىغان پۇرسىتى كۆپ ئەمەس.

    كۆزەينەكلىك يىلان پادىشاھىنى كۆرۈپ يىلپىزنىڭمۇ كۆڭلىدە سان بار بولدى، ئۇ كۆزەينەكلىك يىلان پادىشاھىنىڭ يامانلىقىنى چۈشەندى، ئۇ پەقەت سىناپ بېقىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىپ باقتى، لېكىن ئۆلتۈرۈشنى ئويلىمىدى. لېكىن بۇ چاغدا كۆزەينەكلىك يىلان پادىشاھى تەھدىت ھېس قىلىپ،يىلپىزنى تېز سۈرئەتتە چېقىۋالدى، پۈتكۈل ۋاقىت بىر سېكۇنتقىمۇ يەتمىدى. يىلپىز كۆزەينەكلىك يىلان پادىشاھى بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشۇشقا پېتىنالماي، ئۇنىڭغا قاراپلا تۇردى. ئىككىسى راستلا ئۇرۇشقان بولسا تەڭ تۈگىشەتتى، كۆزەينەكلىك يىلان پادىشاھىنىڭ زەھىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولسىمۇ،لېكىن يىلپىزنىڭ سۈرئىتى تېز، بىر چىشلەپلا يىلاننىڭ بېشىنى ئۈزۈۋېتەلەيدۇ.

    بىر نەچچە سېكۇنت تۇتۇشقاندىن كېيىن كۆزەينەك يىلان پادىشاھى ئۆزلۈكىدىن كېتىپ قالدى، يىلپىزنىڭ مادارى قالمىدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ سەل ئۇيقۇسى كەلگەنىدى. يىلپىز كۆڭلىدە چوقۇم قاتتىق پۇشايمان قىلدى، ئۇ پەقەت قورقۇتۇپ قويماقچى، ھەيۋىسىنى كۆرسەتمەكچى بولغان، كۈتمىگەندە نەتىجىسى مۇشۇنداق بولۇپ قالدى...

    يىلپىز ئاستا-ئاستا يەرگە يىقىلدى، ئۇ كۆزىنى ئاران ئاچتى، يىلان زەھىرىدىن زەھەرلەنگەن بۇ يىلپىزنىڭ ئىنسانلاردەك قان تازىتالىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ كۆزىنى يۇمغاندىن كېيىن يەنە ئاچالامدۇ-يوق بىلمەيدۇ، ئۇ بىردەمدىلا يېتىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆلمىگەن، بارا-بارا ھوشىدىن كەتكەن،خالاس. ھايۋانات دۇنياسىدا يىلاننىڭ زەھىرىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلەر بەكمۇ ئاز، ھايۋانلارنىڭ بەدەن ئىقتىدارى ئىنسانلارنىڭكىدىن كۈچلۈك.

    يىلپىز بۇ قېتىم كۆزەينەكلىك يىلان پادىشاھىغا ئۇچراپ قالدى، كۆزەينەكلىك يىلان پادىشاھىنىڭ زەھىرى ھەقىقەتەن كۈچلۈك، لېكىن يىلپىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق ئېلىشمىدى، كۆزەينەكلىك يىلان پادىشاھى ئۇنى مۇنداقلا چېقىپ قويدى، زەھەرنىڭ مىقدارىمۇ چەكلىك. يىلپىز بىردەمدىن كېيىن بارا-بارا ئورنىدىن تۇردى، ئۇ يەنە نورمال ماڭالايدىغان بولدى، بۇ قېتىملىق خەتەردىن كېيىن ئۇ ئەمدى كۆزەينەكلىك يىلان پادىشاھىنىڭ چىشىغا تېگەلمەسلىكى مۇمكىن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى