• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خوتەن يېڭىدىن ئۈچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى قوشتى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 21:57 18-03-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز چې جېي، گاۋ يۇڭشېڭ خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ، خەلق ئاۋىياتسىيىسى يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىگە كىرىدۇ، يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ خوتەن شەھىرىدە يېڭىدىن ئۈچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىشنى پىلانلىدى. يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، يولۇچىلار جەنۇب ئاۋىياتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، خوتەندىن يولغا چىقىپ شىنجاڭنىڭ ئىچى سىرتىدىكى توققۇز شەھەرگە بارالايدۇ.

      2019-يىللىق يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىنىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە. جەنۇپ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى شىنجاڭدىن چىقىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى ۋە خوتەن رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، خوتەن ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى قوشۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ۋاقتىنى تەڭشەيدۇ.

      3-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى خوتەن — ئۈرۈمچى — گۇاڭجۇ لىنىيەسى، خوتەن-كورلا — چېڭدۇ لىنىيەسى ھەمدە قەشقەر — خوتەن — جېڭجۇ لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

      پەسىل ئالماشقاندىن كېيىن، خوتەندىن يولغا چىقىپ ھەرقايسى جايلارغا بارىدىغان لىنىيەنىڭ سانى يەتتىگە يېتىدىكەن، يېڭىدىن ئېچىلغان ئۈچ لېنىيەدىن سىرت، يەنە خوتەن— ئاقسۇ — قەشقەر لىنىيەسى ، خوتەن — ئۈرۈمچى لىنىيەسى، خوتەن — ئۈرۈمچى — تىيەنجىن لىنىيەسى شۇنداقلا خوتەن— ئۈرۈمچى— شىئەن لىنىيەسى بار بولۇپ، ئۆتىدىغان شەھەرلەرنىڭ سانى توققۇزغا يېتىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى