• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    چاچ ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:46 18-03-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     ھازىر، بازارلاردا چاچ ئاسراش مەھسۇلاتلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ناھايىتى ئاز ‏ساندىكى كىشىلەر يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەشنىڭ چاچ ئاسراشتا بەلگىلىك رولى بارلىقىنى بىلىدۇ.

      ‏تۇخۇم. چاچنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئاقسىل. تۇخۇمدا مول ئاقسىل، يەنە زور مىقداردا بىيوتىن ‏بار. بۇ بىيوتىنلار چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭدىن ‏سىرت، تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، تۇخۇم سېرىقىدا بىر خىل «چاچ ئۆستۈرۈشنى غىدىقلىغۇچى ماددا» بولۇپ، تۈك ھۈجەيرىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدىكەن.

      ‏سەۋزە. سەۋزە باش تېرىنىڭ بىر خىل تەبىئىي تېرە يېغى ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ‏چاچ يىلتىزىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلىيالايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، سەۋزىدە يەنە مول كاروتېن بار بولۇپ، ‏ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىنA‏ غا ئايلىنالايدۇ، بۇنداق ئوزۇقلۇق ماددا باش تېرىنىڭ قۇرغاق بولۇشى ‏قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ياخشىلايدۇ. ‏

    ياڭاق. قۇياش نۇرى چېچىمىزنى قۇرغاق ھەم يىرىك قىلىپ قويىدۇ، ياڭاقتىكى مول ئومېگا 3 ياغ ‏كىسلاتاسى ۋە ۋېتامىن ‏E‏ قۇياش نۇرى چاچقا ئېلىپ كەلگەن زەخمىنى يېنىكلىتەلەيدۇ. بۇنىڭدىن ‏سىرت، ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردىكى مول مىس ئېلېمېنتى يەنە سىزنىڭ ساغلام، ‏تەبىئىي چاچ رەڭگىنى ساقلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ. ‏

      گەنجۈ تۈرىدىكى مېۋىلەر. چېڭزى، جۈزە قاتارلىق گەنجۈ تۈرىدىكى مېۋىلەردە مول ۋىتامىن C‏ ‏بولۇپ، چاچ ئۇچىنىڭ يېرىلىپ كېتىشى، چاچنىڭ يىرىك بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى ‏بار. بۇ تۈردىكى مېۋىلەر يەنە چاچ خالتىسى ئەتراپىدىكى قىل قان تومۇرلارنى غىدىقلاپ، چاچ ‏چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى