• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    LG شىركىتى 2019AWE يەرمەنكىسىدە تۇنجى 8K OLED تېلېۋىزورنى ئېلان قىلىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:31 10-03-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئورگان تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، LG بۇ يىللىق AWE كۆرگەزمىسىدە كۆپ خىل يېڭى مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 8K OLED تېلېۋىزور ۋە 2.57mm قېلىنلىقتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز «تام قەغىزى» تېلېۋىزورىمۇ باركەن.

    ئېنىقراق ئېيتقاندا، LG بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە دۇنيادىكى تۇنجى ۋە ئەڭ چوڭ OLED تېلېۋىزور 88 دىيۇملۇق 8K OLED TV Z9 ۋە قېلىنلىقى ئاران 2.57mm بولغان W9 تېلېۋىزورىنى ئېلان قىلىدىكەن.

    8K OLED TV Z9 تېلېۋىزورغا دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈك ئېكران ئىشلىتىلگەن، سۈزۈكلۈكى 4K UHD تېلېۋىزورنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، FHD تېلېۋىزورنىڭ 16 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

    W9 تېلېۋىزور LG مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىققان چوڭ رازمېرىلىق OLED ئېكران تاختىسى سەپلەنگەن تېلېۋىزور، قېلىنلىقى خۇددى تام قەغىزىدەك نېپىز.

    ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ئائىلە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن يۇقىرى تېخنىكىلىق ئائىلە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى (Appliance&electronics World Expo قىسقىچە ئاتىلىشى AWE) بۇ يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى