• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    گېرمانىيە بانكىسى باشقۇرۇش قاتلىمى گېرمانىيە سودا بانكىسى بىلەن بىرلىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:31 10-03-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئەھۋالدىن خەۋەر كىشىنىڭ 9-مارت شەنبە بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە بانكىسى (Deutsche Bank) باشقۇرۇش قاتلىمى رىقابەتچىسى گېرمانىيە سودا بانكىسى (Commerzbank) بىلەن بىرلىشىش ئىمكانىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە ماقۇل بولغان.

    ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ دېيىشىچە، تۇنجى قېتىملىق بىرەسىمىي ئۇچرىشىش ئىنتايىن كىچىك كوللېكتىپ ئارىسىدا ئۆتكۈزىلىدىكەن، گېرمانىيە بانكىسى مۇدىرىيىتىنىڭ ھوقۇقى بېرىشى بىر ھەپتە ئىلگىرى چۈشۈرلگەن.

    يۇقىرىقى ئەھۋالدىن خەۋەر كىشىنىڭ تولۇقلاپ دېيىشىچە، سۆھبەت ئىنتايىن دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋېتىپتۇ، بۇزۇلۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

    گېرمانىيە بانكىسىنىڭ باياناتچىسى ۋە گېرمانىيە سودا بانكىسىنىڭ باياناتچىسى بىردەك باھا بېرىشنى رەت قىلغان.

    نەچچە ئايدىن بۇيان، گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ پېيى بازارغا سېلىنغان ئىككى بانكىنىڭ بىرلىشىشىگە ئالاقىدار پەرەزلەر ئەۋج ئالدى. مالىيە مىنىستىرى ئولاف شولز (Olaf Scholz)نىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە بۇ پەرەز بارغانسېرى ئۇلغايدى. ئولاف كۈچلۈك بانكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

    دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيان، ئىككى بانكىنىڭ سىجىل پايدا ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى تەس بولدى، قۇتقۇزۇشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئىلكىدە گېرمانىيە سودا بانكىسىنىڭ %15تىن ئارتۇق پېيى بار بولدى.

    گېرمانىيە بانكىسى دۇنيا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم بانكىلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ، ئەمما ئۈچ يىل زىيان تارتتى، دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كەتتى، بېسىم سىنىقىدا مەغلۇپ بولدى ھەمدە پۇل يۇيۇش سەتچىلىكىگە پېتىپ قالدى.

    يېقىنقى نەچچە ئايدىن بۇيان، مەزكۇر بانكىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كرىستىيان سېۋىڭ (Christian Sewing)نىڭ ئاشكارا بىلدۈرۈشىچە، مۇرەككەپ قوشۇۋېلىش سودىسى تۈرىنى قوبۇل قىلشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى پايدا ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەن.

    كرىستىيان سېۋىڭنىڭ مەزكۇر بانكا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەدبىر قوللىنىشتىن بۇرۇن مۇدىرىيەتكە دوكلات بېرىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

    گېرمانىيە بانكىسىنىڭ 20 نەچچە مىليون خۇسۇسىي ۋە كارخانا خېرىدارى بار، گېرمانىيە سودا بانكىسىنىڭ 18 مىليون ئەتراپىدا خېرىدارى بار.

    8-مارتتىكى پاي بازىرى يېپىلىش باھاسىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى بانكا بىرلەشكەندىن كېيىنكى بازار قىممىتى 24 مىليارد ياۋرو (27 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)دىن ئېشىپ كېتىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى