• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    iPhoneXSتا ئېكران قېتىۋېلىش رام ئاتلاش كاشىلىسى كۆرۈلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:24 10-03-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىندا چەتئەللىك ئابۇنتلار ئالما ئورگان تەرەپ مۇنبىرىدە iPhone XS، iPhone XS Maxتا «ئېكران قېتىۋېلىش» كاشىلىسى كۆرۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ مەسىلە قىسمەن ئابۇنتلاردا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلگەن بولۇپ، reddit مۇنبىرى ۋە macrumorsتا مەركەزلىك ئىنكاس قىلىنغان. ئالما تەرەپ نۆۋەتتە بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۇمشاق دېتال مەسىلىسى ياكى قاتتىق دېتال كاشىلىسى ئىكەنلىكنى ۋاقتىنچە جەزىملەشتۈرگىلى بولمايدىكەن.


    ئاتالمىش «ئېكران قېتىۋېلىش» مەلۇم بىر ئەپنى ئاچقاندىن كېيىن مەشغۇلات تەخمىنەن 10 سېكۇنت توختاپ قېلىپ، ئاندىن بارماق بىلەن ئېكراننى چەككەندە (مەسىلەن: دومىلىتىش، كۆپ ۋەزىپە دېگەندەك) ئېكراندا يېنىك قېتىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ.

    تورداشلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ مەسىلە iPhone XS ۋە XS Max تا (iOS 12.1.x سىستېمىسى قاچىلانغان) ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلگەن، iPhone XRتا كۆرۈلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كونا نۇسخىدىكى iPhone X، 6s قاتارلىقلاردىمۇ كۆرۈلمىگەن. تورداشلار ئالمىنىڭ ئىقتىدار كونتروللىغۇچى بوش ۋاقىتتا ئىقتىدار چەكلەپ قويۇپ، توك تېجەش ھالىتىگە كىرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.

    تورداشلار ئېلان قىلغان ۋىدىيودىن قارىغاندا، iPhone XSتە ئۆزىدىكى كالېندار ئەپ دېتالى ئېچىلغان ئەھۋالدىمۇ مەشغۇلات 10 سېكۇنت توختىتىلغاندىن كېيىن كۆپ ۋەزىپە ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى قىلغاندىمۇ قېتىۋېلىش ۋە رام ئاتلاش مەسىلىسى كۆرۈلگەن. قىسمەن تورداشلارنىڭ ئىنكاس قىلىشى ئالما سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركىزىدە يانفون يانفون ئالماشتۇرغان،ئەمما ئالماشتۇرۇلغان يانفوندىمۇ ئوخشاش مەسىلە كۆرۈلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى iOS 12.2 سىناق نۇسخىسىغا يېڭىلغاندىمۇ مەسىلە ئوڭشالمىغان.

    ئىگىلىنىشچە، ئالما تەرەپ بۇ مەسىلىنى بىلگەن ھەمدە سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى