• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئوسكار فىلىمى«يېشىل تاشلىق كىتاب» تىن ئۈزۈندە

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:55 04-03-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «يېشىل تاشلىق كىتاب»(绿皮书) قا پېتىر فاررېلى رېژىسسورلۇق قىلغان، ھيۇگو مورتېنسون بىلەن ماھىرشالا ئەلى باش رول ئالغان.

    بۇ كىنو راست ئىش، راست ۋەقەدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، تېگى ئىتالىيەلىك ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان قوغدىغۇچى تونى ئۇنى ياللىغان دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس جاز پىئانىستى تومنىڭ ماشىنىسنى ھەيدەيدۇ. پىئانىست نىيويوركتىن باشلاپ سەييارە ئويۇن قويىدۇ، ئىككەيلەننىڭ بىر مەزگىل دوستلۇق ئورناتقانلىق ھېكايسىى سۆزلىنىدۇ.

    1. دۇنيادىكى نۇرغۇن تەنھا قالغان ئادەملەر باشقىلاردىن ئاۋۋال بىر قەدەم ئېلىشتىن قورققانلار.

    2. زوراۋانلىق بىلەن ھېچنېمىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، غورۇرنى ساقلاپ قېلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئاندىن ھەقىقىي غەلبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

    3. دادام شۇنداق دېگەن: مەيلى سەن نېمىلا ئىش قىلما، يۈز پىرسەنت شۇ ئىشنىلا قىل، خىزمەتتە خىزمەت قىل، كۈلىدىغان ۋاقىتتا كۈل، تاماق يېگەندە بولسا ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋاخ تاماق يېگەندەك يە.

    4. ئۇلارنىڭ تاللاش پۇرسىتى يوق، لېكىن سېنىڭ بار.

    5. سىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش ماڭا نىسبەتەن بەك ئاسان ئىش.

    6. دۇنيادا تۈرلۈك-تۈمەن خىل ئادەملەر بار، قېرىشقاندەك بىز دوست بولۇپ قالدۇق، بۇ تەقدىرگە پۈتۈلگەن ئەمەس، پەقەت بىزنىڭ شۇنداق قىلىشتىن باشقا ئامالىمىز يوق خالاس.

    7. پۇلى بار ئاق تەنلىكلەر پۇل چىقىرىپ مېنى ئۆزلىرىگە پىئانىنو چېلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، چۈنكى بۇنى ئۇلار مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. لېكىن مەن سەھنىدىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېنىغا بارسام بىر زەڭگىگە ئايلىنىمەن. چۈنكى بۇ دەل ئۇلاردىكى ھەقىقىي مەدەنىيلىك. مەن ئۆزۈم يالغۇز بۇنى قوبۇل قىلالايمەن، چۈنكى مەن قارا تەنلىكلەر ئارىسىدىمۇ قارشى ئېلىنمايمەن، چۈنكى مەن ئۇلارغا ئوخشىمايمەن. شۇڭا مەن يا ئاق ئەمەس، يا قارا ئەمەس، ئەگەر مەن بىر ئەركەكمۇ بولمىسام، دەپ باقە، تونى، مەن نېمە؟

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى