• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    قانداق قىلغاندا قول-پۇت يېرىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 00:47 04-03-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     قانداق قىلغاندا قول-پۇت يېرىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ بىرىنچىدىن، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇيۇش كېرەك. قولنى زىيادە كۆپ يۇيماسلىق، قول يۇيىدىغان سۇ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىپ، تېرە مېيىنىڭ كۆپ مىقداردا ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش؛ ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك سوپۇنلارنى ئىشلەتمەسلىك؛ ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا سۇلياۋ پەلەي كىيىپ، ئىمكانقەدەر كىسلاتا، ئىشقار قاتارلىق خىمىيەلىك تازىلاش دورىسى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشماسلىق كېرەك.

      ئىككىنچىدىن، قولنى توغرا ئۇسۇلدا ئاسراش كېرەك. ھەر قېتىم قولنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، قول ئاسراش مەلھىمى سۈرۈپ، تېرىنى بىر قەۋەت ماي پەردىسى بىلەن قاپلاش لازىم، سىرتقا چىققاندا پەلەي كىيىۋالغاندا سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىپ قولنى ئىسسىق ساقلىغىلى، سوغۇق ۋە قۇرغاقنىڭ قولغا بولغان غىدىقلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

      ئۈچىنچىدىن، پۇتنى سۇغا چىلاپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش. كەچتە پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بولغاندىن كېيىن، يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماي، گىلىتسېرىن، ۋازېلىن قاتارلىق تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش بۇيۇملىرىنى سۈرۈش.

      تۆتىنچىدىن، غىزالىنىش جەھەتتە سەۋزە، بوسەي، تاتلىقياڭيۇ قاتارلىق كۆكتاتلار، شۇنداقلا ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا ۋىتامىن Aنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ تېرىنى قوغداش، يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى