• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    iPhoneنىڭ زاكاز مىقدارىنىڭ ئازىيىش تەسىرى سەۋەبلىك فۇشىكاڭ ئىشچىلارنىڭ مائاش پاراۋانلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:26 03-03-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    خۇانەن گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، iPhone زاكاز مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، فۇشىكاڭ ئىشچىلارنىڭ مائاشى ۋە پاراۋانلىقىنى زور دەرىجىدە ئازايتقان.

    بىر ئىشچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مائاشىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب خىزمەت ۋاقتى قىسقارغان. ھەر يىلى iPhone ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇقىرى پەسلى ئادەتتە 4~5 ئاي داۋاملىشىدىكەن، ئەمما 2018-يىللىق iPhoneنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى تەخمىنەن 20 كۈنلا داۋاملاشقان.

    بىر ئىشچىنىڭ دېيىشىچە، بۇلتۇرقى ئىشلەپچىقىرىش يۇقىرى پەللىسى پەقەت 20 كۈن داۋاملاشقان. 10-ئايدا ئۇنىڭ مائاشى يەنىلا 4000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، 11-ئايدا 3000 يۈەنگە چۈشۈپ قالغان.

    مائاشتىن سىرت، ئىشچىلارنىڭ پاراۋانلىقىمۇ قىسقارغان. مەسىلەن، ئىشچىلار ياتىقىغا ئاپىرىپ قويىدىغان نۆۋەتچى ماشىنا مۇلازىمىتىمۇ بىكار قىلىنغان، بىر قىسىملار 40 مىنۇت پىيادە مېڭىپ ئاندىن ئۆزىنىڭ ياتىقىغا قايتىپ كېلەلەيدىكەن.

    چاغانلىق ئارام ئېلىش مەزگىلىدە نۆۋەتچى ئاپتوموبۇس مۇلازىمىتىنى بىكار قىلىش دائىملىق ئىش، ئەمما نورمال ئەھۋالدا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن نۆۋەتچى ئاپتوبۇس مۇلازىمىتىمۇ ئەسلىگە كېلىدىكەن. ئەمما بۇ يىل ئۇنداق بولمىغان، نۆۋەتچى ئاپتوبۇس ناھايىتى بۇرۇنلا بىكار قىلىنغان.

    يەنە بىر قىسىم كىچىك ئەمما مۇھىم پاراۋانلىقلارمۇ قىسقارتلغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ھەقسىز كىر يۇيۇش مۇلازىمىتىمۇ تۇنجى قېتىم بىكار قىلىنغان، بۈگۈنكى كۈندە ئىشچىلار يەتتە يۈەن خەجلەپ بىر دۆۋە كىيىمىنى يۇيدۇرىدۇ، قۇرۇق يۇيۇشقا 18 يۈەن كېتىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە 2018-يىلى 10-ئايدىن بۇيان، فۇشىكاڭنىڭ جېڭجۇدىكى iPhone زاۋۇتى تەخمىنەن 50 مىڭ توختاملىق ئىشچىنى قىسقارتقان.

    خەۋەردە دېيىلىشىچە، پۈتكۈل يانفون كەسپى 10 يىلدىن بۇيانقى ئېغىر چېكىنىشكە دۇچ كەلگەچكە، ئالما شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچى زاچۇتى فۇشىكاڭ مۇددەتتىن نەچچە ئاي بۇرۇن نەچچە ئون مىڭ پەسىللىك خىزمەت ئورنىنى قىسقارتقان.

    بۇنىڭغا قارىتا فۇشىكاڭنىڭ كېيىن بىلدۈرۈشىچە، گۇرۇھنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە خېرىدارلارنىڭ كەسپ تەرەققىياتى ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئوخشىمىغان سانائەت رايونلىرىدىكى خادىملار سانىنى تەڭشىشى گۇرۇھنىڭ دائىملىق مەشغۇلاتى ئىكەن. بىرلا ۋاقىتتا فۇشىكاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى بىرىنچى پەسىلدە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى قىسمەن زاۋۇتلىرىنىڭ يەنە 50 مىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى بار ئىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى