• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ياپونىيەنىڭ بۇلتۇرقى تور ئېلان چىقىمى %16.5 ئاشتى،بۇ يىل تېلېۋىزىيە ئېلانىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:06 03-03-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    نىككېنىڭ ئىقتىساد خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ئېلان ماگناتى دېنتسۇ 28-فېۋرال يىغىنچاقلىغان 2018-يىللىق ياپونىيە ئېلان خىراجىتى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تور ئېلان خىراجىتى 2017-يىلغا قارىغاندا %16.5 ئېشىپ، بىر تىرىليون 758 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يىنىغا يېتىپ،ئۇدا بەش يىل ئىككى خانلىق ساندا ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تېلېۋىزىيە ئېلانى (بىر تىرىليون 784 مىليارد 800 مىليون يىن)دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. 2019-يىللىق تور ئېلانى چىقىمىنىڭ تۇنجى قېتىم تېلېۋىزىيە ئېلانىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

    بۇلتۇر ياپونىيەنىڭ ئېلان چىقىمى %2.2 ئېشىپ، ئالتە تىرىليون 530 مىليارد يىنغا يېتىپ، ئۇدا يەتتە يىل ئاشقان. تېلېۋىزىيە قاتارلىق تۆت خىل ئەنئەنىۋى ئاممىۋى مېدىيالارنىڭ ئېلان كىرىمى %3.3 ئازلىغان. بۇنداق ئەھۋالدا، تور ئېلانى پۈتكۈل كەسپنى ئىلگىرى سۈرگەن.

    بۇنىڭدىن سىرت، ئاممىۋى مېدىيالاردىن بارلىققا كەلگەن تور ئېلان چىقىمى 58 مىليارد 200 مىليون يىنغا يەتكەن. نەشرىياتلارنىڭ رەقەملىك كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ژۇرنالغا ئالاقىدار رەقەملىك ئېلانى 33 مىليارد 700 مىليون يىنغا يېتىپ يېرىمىنى ئىگىلىگەن. ئىگىلىنىشچە، ئەقلىي يانفوننىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، توردا خەۋەر تور بەتلىرىنى كۆرىدىغان ئىستېمالچىلاردا ئېشىش كۆرۈلگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى