• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    OPPO Realme ماركىسى ئېلىمىز بازىرىغا قايتىپ كېلىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:04 03-03-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    OPPOنىڭ كىلاسسىك ماركىسى Realme بۇلتۇر چەتئەلدە ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز كىشىلىرىگە ئىنتايىن تونۇشلۇق بۇ ماركىغا ئائىت خەۋەرلەر ئۈزۈلۈپ باقمىدى، ئەمدىلىكتە Realme ماركىسى ئېلىمىز بازىرىغا قايتىپ كەلمەكچى!

    ئىگىلىنىشىچە، «Realme يانفونى ئورگان مىكرو بىلوگى» دەپ دەلىللەنگەن مىكرو بىلوگ يىقىندا ئېچىلدى، بىلوگ ئاچقۇچى تەرەپ «شېنجېن رۈيئېرمى كۆچمە ئالاقە چەكلىك شىركىتى». مەزكۇر بىلوگنىڭ باش بېتىدە تېخى ھىچقانداق مەزمۇن يوق، ئەمما ئۇزۇنغا قالماي بىزگە تونۇش بۇ ماركىغا ئائىت ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى مۇشۇ يەردىن كۆرەلىشىمىز ئېنىق.

    OPPO Realme ماركىسى 2010-يىلى ئېلان قىلىنغان، ئەينى ۋاقىتتا OPPO ئېلىمىزدە OPPO Real دەپ ئاتىلىدىغان ئەقلىيفون چىقارغان. 2018-يىلى Realme مۇستەقىل بالا ماركا سۈپىتىدە چەتئەل بازىرىغا يۈزلەندى، شۇنداقلا بۇلتۇر 5-ئايدا تۇنجى OPPO Realme يانفونىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، OPPO Realmeنىڭ كىيىنكى مەھسۇلاتى Realme 3 يانفونى بولۇپ، 3-ئاينىڭ 4-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى