• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    OPPO F11 Proنىڭ ئورگان تەرەپ لايىھەسى ئاشكارىلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:43 03-03-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    OPPO شىركىتى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى OPPO F11 Pro يانفونىنى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ، ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ چىقىدىغان كامېرا يانفوندىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا، بۇ ئۇنىڭغا ھەقىقىي پۈتۈن ئېكران سەپلەش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگەن.

    OPPO بۈگۈن بۇ يانفوننىڭ لايىھەسىنى ئاشكارىلىدى، ئېكران يۈز نىسبىتى %90.9كە يېتىدىغان بۇ يانفونغا 1080x2340 ئېنىقلىقتىكى 6.5 دىيۇملۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن، كۆتۈرۈلۈپ چىقىدىغان كامېرا 16 مىليون پىكسېللىق، ئارقىسىدا 48 مىليون پىكسېللىق + بەش مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا بار، VOOC 3.0 زەرەتلەش ئىقتىدارىغا ئىگە، كەينى قېپى 3D ئەينەك (رەڭگى تەدرىجىي ئۆزگىرىدۇ).

    باشقا سەپلىمىسىگە كەلسەك، بۇ يانفونغا ليەنفاكې Helio P70 SoC تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە 6GB RAM سەپلەنگەن، Android Pieنى يادرو قىلغان ColorOS 6.0 سىستېمىسى ئالدىن قاچىلانغان، 4000mAhلىك باتارېيەسى بار، ساقلاش بوشلۇقى ئىككى خىل: 64GB ۋە 128GB.

    OPPO F11 Pro يانفونى 5-مارت ھىندىستاندا ئېلان قىلىنىپ، كىيىن باشقا دۆلەتلەرگە كىرىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى