• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    لېي جۈن: شياۋمى 9نىڭ تۇنجى ئايلىق مال تەمىنلەش مىقدارىنى بىر مىليونغا يەتكۈزىمىز

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:41 03-03-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شياۋمى CEOسى لېي جۈن 2-مارت كەچقۇرۇن مىكرو بىلوگىنى يېڭىلاپ، شياۋمى 9نىڭ زاپاس مال مىقدارى ئاز ئەمەسلىكى، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، تۇنجى ئايدىكى مال تەمىنلەش مىقدارىنى بىر مىليون دانىدىن ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دېمەك، شياۋمى 9نى سېتىۋالالمىغانلار سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاڭلار، شياۋمى ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن مال تەييارلاۋاتىدۇ.

    شياۋمى مەھسۇلات باش نازارەتچىسى ۋاڭ تېڭ كۆپچىلىككە شياۋمى 9نى يەنە بىر-ئىككى ھەپتىدىن كېيىن سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەن، بۇنداق بولغاندا ئاسانراق سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. زاۋۇت بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى بارغانسېرى ئاشۇرىدىكەن.

    شياۋمى 9 يانفونى 20-فېۋرال ئېلان قىلىندى، يانفوننىڭ سىرتقى قېپى فانتازىيىلىك تۈس ئالغان، لايىھەسى كۆركەم، سناپدراگون 855 تىپلىق كۈچلۈك بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن 48 مىليون پىكسېللىق سونىي كامېرا سېنزورى سەپلەنگەن، 20Wلىك سىمسىز تېز سۈرئەتتە زەرەتلەش ئىقتىدار بار،باھاسى 2999 يۈەندىن باشلىنىدۇ. شياۋمى 9 يانفونى 26-فېۋرال تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنغان، ئورگان تەرەپنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا سېلىنغان شياۋمى 9 يانفونى پەقەت 53 سېكۇنت ئىچىدە سېتىلىپ تۈگىگەن.

    2-مارت ئالدىنقى قېتىم سېتىلغان بارلىق شياۋمى 9 يانفونىنى تېز يوللانما ئارقىلىق ئەۋەتىش خىزمىتى تولۇق تاماملانغان.

    شياۋمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەمەلىيەتتە شياۋمى 9نىڭ زاپاس مال مىقدار خوڭمى Note 7دىن ئاز ئەمەسكەن، ئاساسلىقى، شياۋمى 9 بىرلا ۋاقىتتا تور ۋە تور سىرتىدىكى ئەمەلىي دۇكانلاردىكى ئېھتىياجنى تەڭ ئويلاشقان، كۆپ قىسىم مال شياۋمى ئائىلىسى دۇكىنىغا كىرگۈزۈلگەن، بۇندىن كېيىن تور سۇپىلىرىنىڭ زاپاس مال مىقدارى كۆپەيتىلىدىكەن.

    2-مارت چۈشتىن كىيىن 12:35دە، شياۋمى CEOسى لېي جۈن مىكرو بىلوگىغا مۇنداق ئۇچۇر چىقاردى:

    «شياۋمى ئائىلىسى دۇكىنىدا شياۋمى 9نى ھەممە پۇلنى ئالدىن تۆلەپ زاكاس قىلغىلى بولىدۇ، مال يەتتە كۈن ئىچىدە يېتىپ بارىدۇ.» بۇ ئۇنىڭ شياۋمى 9نىڭ مال كەمچىل بولۇش، مال يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە قايتۇرغان ئىنكاسى بولسا كېرەك.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى