• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    Galaxy Fold ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن خەۋەرلىشىش شىركىتى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:40 03-03-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سامسۇڭنىڭ ئېكرانى قاتلىنىدىغان يانفونى Galaxy Fold رەسمىي ئېلان قىلىندى، سامسۇڭ Galaxy Foldنىڭ ئامېرىكىدا AT&T ۋە T-Mobile ئارقىلىق سېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما XDAدىن كەلگەن ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئىش ئۇنداق ئەمەسكەن.

    XDA چىقارغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، Galaxy Fold ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدىكى تۆت چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى، يەنى Verizon、T-Mobile، AT&T ۋە Sprintنىڭ ھەممىسىنى قوللايدىكەن. بۇندىن سىرت، سامسۇڭ كەلگۈسىدە AT&T,Boost Mobile,Sprint,T-Mobile,Virgin Mobile,Verizon Wireless,Xfinity Mobile ۋە US unbranded قاتارلىق بىر قاتار خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىگە ماس ھالدىكى Galaxy Fold يانفونىنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

    دېمەك، Galaxy Fold ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ AT&T ۋە T-Mobile بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ.

    تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، سامسۇڭ Galaxy Foldنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئېلىمىز بازىرىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ۋاقتى ۋە باھاسى ئېنىق ئەمەس.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى