• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    مىكروسوفت كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى بازار ئۈلۈشىنى ئېلان قىلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:38 03-03-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    • كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ساھەسىدە Windows ئىزچىل زۇمىگەرلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. ھەمدە ئىزچىل زور كۆپ قىسىم بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىۋالدى. ھالبۇكى، ئالما قاتارلىق شىركەتلەر بولسا پەقەت ئاز بىر قىسىم بازار ئۈلۈشىگە ئىگە. لېكىن مىكروسوفتنىڭ ئىزچىل بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە شۇكى، كونا نۇسخىدىكى Windows سىستېمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى بەك كۈچلۈك بولغانلىقتىن بۇ ھەتتا ئابۇنتلارنىڭ يېڭى سىستېمىغا كۆچۈشىگە توسالغۇ پەيدا قىلماقتا.

    يېقىندىن بۇيان، ستاتىستىكا ئاپپاراتى NetMarketShare ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بازار ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بازار ئۈلۈشى ئەڭ يۇقىرى بولغىنىWindows 10 سېستىمىسى، %40 تىن ئارتۇق بازارنى ئىگىلىگەن. ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى 7 Windows بولۇپ تەخمىنەن %40 كە يېقىن بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەن. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن كىچىك ئىكەن.

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، Windows 7 سىستېمىسى 2009-يىلى بازارغا سېلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاللىقاچان ئون يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ئېلان قىلىنغىلى ئون يىل بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ھېلىھەم %40 كە يېقىن بازار ئۈلۈشىنى ساقلاپ قالالىشى ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى ئون يىل ئىلگىرىكى ئاندىرويىد ۋە iOS سىستېما نەشىرى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى نەشىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقساقلا بۇنى چۇڭقۇر ھېس قىلالايمىز. ھېچ بولمىغاندا بىرنەچچە يىل ئىلگىرىكى دېتاللارمۇ سىستېما نەشىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىق مەسلىسىگە يولۇقۇشى مۇمكىن ئىدى.

    ئۇزۇندىن بۇيان مىكروسوفىت ئوتتۇرىغا چىقارغان يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى ماسلىشىشچانلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. يەنى ھازىرقى ئەڭ يېڭى سېستىما Windows10 غا نىسبەتەن ئېيتقاندا چىققىلى كەم دېگەندە 10-20 يىل بولغان كونا يۇمشاق دېتالنى يۈرۈشتۈرۈش ھېچقانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئون يىل بۇرۇنقى Windows7 سېستىمىسى ھازىرمۇ يەنىلا كۆپ قىسىم كىشىلەر ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

    Windows Vista نىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەندىن كېيىن WIndows 7 غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. ھەمدە XP سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەل ئورۇنباسارى دەپ قارالدى. ئۇندىن باشقا Windows 10 ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا نۇرغۇن سېستىما يوچۇقى پەيدا بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھالدا ئەگەر خېرىدارنىڭ سىستېمىنىڭ مۇقىملىقىغا قويغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولسا، ئۇنداقتا كونا Windows7 نى تاللاشقا بەكرەك مايىل بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى نۇرغۇن خىزمەتلەردە بىر قېتىملىق قايتا قوزغىتىش ياكى بىر قېتىملىق كىچىك مەسىلە بەزىدە ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئەلۋەتتە، ئەگەر مىكروسوفت سېستىما تۇراقلىقلىقىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ ھەمدە تۈرلۈك سېستىما ياماقلىرىنى يېڭىلاپ تۇرسا كىشىلەر ئون يىل بۇرۇنقى كونا سىستېمىغا ئېسىلىۋالماي يېڭى سېستىمىغا كۆچۈشى مۇمكىن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى