• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئىناۋەت قارا تىزىملىكىگە كىرىپ قالغان-قالمىغانلىقىمىزغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:08 05-02-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئىناۋەت ئۇچۇرى ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم. بىز دائىم ئۇچرىتىدىغان «ئىناۋەت قارا تىزىملىكى»، «بانكىنىڭ قارا تىزىملىكى» قاتارلىقلاردا ئۆزىمىزنىڭ بار-يوقلۇقىنى قانداق تەكشۈرىمىز؟ بانكىدا كەسپ بېجىرىشى رەت قىلىنىش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن قەرز ئالالماسلىق قاتارلىقلار دەل شۇنىڭ سەۋەبىدىن بولغان.


    1. مەركىزىي بانكىنىڭ ئىناۋەت قارا تىزىملىكى

    مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ يەردە ئېنىق بىر «بانكا قارا تىزىملىكى» مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت بانكىنىڭ ھەر ئايدىكى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ئوخشاش بولمىغاچقا ئىناۋەت تەكشۈرگەندىن كېيىن قەرزنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ئىناۋەت باھالاش قېتىم سانى ۋە سوممىسى، ۋاقتى قاتارلىق ئامىللارنى نەزەرگە ئالغاندىن كېيىن، بانكا ئىناۋەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.

    ئەگەر قەرەلىدىن ئۆتۈپ كېتىش قېتىم سانى بەك كۆپ، سوممىسى زور ھەمدە ھازىرغىچە پۇلنى قايتۇرمىغان بولسا بارلىق بانكىلار ئاساسەن داۋاملىق قەرز بېرىشنى رەت قىلىدۇ. مانا بۇ ئاتالمىش قارا تىزىملىكتۇر. كۆپچىلىك بانكىنىڭ كرېدىت دىرېكتورى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ باقسا يەنە داۋاملىق قەرز ھەل قىلالىشى مۇمكىن.

    تەكشۈرۈش ئۇسۇلى: جۇڭگو خەلق بانكىسى توردا شەخسىي ئۇچۇر تەكشۈرۈش سىستېمىسىغا كىرىش-شەخسىي ئۇچۇرنى دەلىللەش-ئىلتىماسنى تاپشۇرۇش- سالاھىيەت تەكشۈرۈش كودىنى كىرگۈزۈش- ئېلېكتىرونلۇق ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتىنى تەكشۈرۈش.


    2. ئەلئارا ئىناۋەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتى ئارقىلىق تەكشۈرۈش.

    ھازىرقى تور قەرز پۇلى كەسپىدە نۇرغۇن ئەلئارا ئىناۋەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتى بار. مەسىلەن چىقىمداندىكى كۈنجۈت ئىناۋىتى (芝麻信用)، شياۋبەيتياۋ (小白分)، تېڭشۈن ئىناۋەت نومۇرى (腾讯信用分)، چيەنخەي ئىناۋىتى (前海征信) قاتارلىق. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۈنجۈت ئىناۋىتىنىڭ ئەمەلىي تونۇلۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، نۇرغۇن تورى قەرز شىركەتلىرى كۈنجۈت ئىناۋىتىگە ھوقۇق بەرگەن. نومۇرى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە تېز قەرز ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    كۈنجۈت ئىناۋىتى قارا تىزىملىكىدىكى كىشلەر ئادەتتە نومۇرى 550 تىن تۆۋەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. نومۇرى 550 نىڭ ئۈستىدە بولسا ئاساسەن لاياقەتلىك. 600 نومۇردىن يۇقىرى بولسا ئاندىن ياخشى، 650-700 ئارىلىقىدا بولسا ئەلا، 700 دىن يۇقىرى بولسا ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى: چىقىمدان- كۈنجۈت ئىناۋىتى


    3. لەۋزىدە تۇرماي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلار تىزىملىكى

    بۇ خىل كىشىلەر ئادەتتە « ئۇششۇق» دېيىلىدۇ. ئەگەر ئىقتىسادىي ماجىرا تۈپەيلى باشقىلار ئەرز قىلسا، شۇنداقلا يەنە سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىنمۇ يەنە قەرز قايتۇرۇشنى رەت قىلغان بولسا بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدۇ. ھەمدە سوممىسى يۇقىرى ئىستېمال قىلىشى، سەپەر قىلىشى چەكلىنىپلا قالماستىن، يەنە كېلىپ بانكىنىڭ بارىلىق كەسپلىرىنى بېجىرىشكە ئامالسىز قالىدۇ. پەقەت مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ تىزىملىك ئىچىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ.

    سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تورى- لەۋزىدە تۇرماي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلار تىزىملىكى- ئىسىم- فامىلىسى ياكى كىملىك نومۇرى كىرگۈزۈش- تەكشۈرش.

    4. بەيخاڭ ئىناۋىتى

    بۇ مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۇنىۋېرسال ئىناۋەت گۇۋاھلىقى مەركىزى بولۇپ، كۈنجۈت ئىناۋىتى، تېڭشۈن ئىناۋىتى، چيەنخەي ئىناۋىتى، كاۋلا ئىناۋىتى، پېڭ يۈەن ئىناۋىتى، جوڭشىن ئىناۋىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەلئارا ئىناۋەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلاشقان. كەلگۈسىدە ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

    دېمەك نۆۋەتتە ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى بىر قەدەر مۇكەممەل بولۇپ، نۇرغۇن جەھەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان. ئەگەر كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ ئامانەت كەسپىنى بېجىرىشكە ئامالسىز قالغان بولسا ئۇنداقتا يۇقارقى ئۇسۇللار ئارقىلىق ناچار ئىناۋەت خاتىرىسى ياكى قارا تىزىملىكتە بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ باقسا بولىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى