• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كىرىستىيانو رونالدو تۆت بىرلەشمىدە 68 كوماندىغا توپ كىرگۈزۈپ بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:05 05-02-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    كىرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغاندىن كېيىن ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 17 توپ كىرگۈزۈپ مەرگەنلەر تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. «مىلان تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، كىرىستىيانو رونالدو پورتۇگالىيە بىرلەشمىسى، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە جەمئىي 58 شەھەردىكى 68 كوماندىغا توپ كىرگۈزگەن.

    كىرىستىيانو رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتى پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسىدە باشلانغان، ئەمما ئۇ پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسىدە پەقەت ئىككى شەھەردىكى ئىككى كوماندىغىلا توپ كىرگۈزگەن بولۇپ،كەسپىي ھاياتى باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان ھەمدە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 18 شەھەردىكى 24 ئوخشىمىغان كوماندىغا توپ كىرگۈزۈپ باققان.

    كىرىستىيانو رونالدو 209-يىلى خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان بولۇپ، خانلىق مادرىدتىكى توققۇز مۇسابىقە پەسلىدە 450 توپ كىرگۈزگەن، شۇنداقلا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 29 شەھەردىكى 33 ئوخشىمىغان كوماندىغا توپ كىرگۈزگەن.

    ئۇ بۇلتۇر يازدا يۇۋېنتۇسقا قوشۇلدى ھەمدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 22-ئايلانمىسىغىچە 17 توپ كىرگۈزۈپ مەرگەنلەر تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، يەنە تېخى ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس چىقاردى. كىرىستىيانو رونالدو ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە توققۇز شەھەردىكى توققۇز كوماندىغا توپ كىرگۈزۈپ باققان بولۇپ، شۇڭا پورتۇگالىيە بىرلەشمىسى، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە جەمئىي 58 شەھەردىكى 68 كوماندىغا توپ كىرگۈزۈپ بولغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى