• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    سامسۇڭ +S10نىڭ Exynos 9820 نۇسخىسى نومۇر قويۇش سۇپىسىدا پەيدا بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:55 05-02-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    geekbenchدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، samsung SM-G975F تىپلىق يانفون يىقىندا بۇ نومۇر قويۇش سۇپىسىدا پەيدا بولغان، تىپ نومۇرىدىن قارىغاندا، G975F ئەمەلىيەتتە سامسۇڭ S10 يۈرۈشلۈكىدىكى S10 plus يانفونى ھېسابلىنىدىكەن.


    بۇ يانفونغا Exynos 9820 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ (سناپدراگون 855 نۇسخىسىمۇ بار) سەپلەنگەن، تاق يادروسىغا 4472 نومۇر قويۇلغان بولۇپ ئادەمنى سەل ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئالما A12 بىيونىك بىر تەرەپ قىلغۇچ GeekBench سۇپىسىدا 4801 نومۇرغا ئېرىشكەن، كۆپ يادروسىغا 11130 نومۇر قويۇلغان. خۇاۋېي چىلىن 980نىڭ تاق يادروسىغا 3400 نومۇر، سناپدراگون 855نىڭ تاق يادروسىغىمۇ ئوخشاشلا 3400 نومۇر قويۇلغان.

    تاق يادرو ئىقتىدارىغا قارىغاندا، سامسۇڭ Exynos 9820 بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن سامسۇڭ +S10 يانفونىنىڭ ئىقتىدارى ئالما A12 بىر تەرەپ قىلغۇچقا يىقىنلىشىدۇ، سانلىق مەلۇماتتا بۇ يانفونغا 6GBلىق RAM سەپلەنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

    Exynos 9820 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ بۇلتۇر 11-ئايدا چىققان، DynamlQ قۇرۇلمىسىدا لايىھەلەنگەن، قوش يادرولۇق Exynos M4+ قوش يادرولۇق Cortex-A75+تۆت يادرولۇق Cortex-A55دىن تۈزۈلگەن، 8nmLPP ھۈنەر-سەنئىتىدە ياسالغان، GPU تىپى Mali-G76 MP12، گرافىك ئۆزىكىنىڭ ئىقتىدارى %40 ئاشۇرۇلغان.

    سامسۇڭ ئورگان تورىدا بۇ يېڭى بايراقدار يانفوننىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۆۋەن باھالىق S10 E نۇسخىسىغا ئەگمە يۈزلۈك ئېكران ئىشلىتىلمەيدۇ. ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىلىكى +S10 بولۇپ، ئارقىسىغا ئۈچ دانە كامېرا ئورنىتىلىدۇ، S10 ۋە S10E تىپىغا قوش كامېرا ئورنىتىلىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى