• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    دائىم بەرەڭگە يەپ بېرىشنىڭ پايدىسىنى بىلەمسىز؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:52 05-02-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    دائىم بەرەڭگە يەپ بېرىشنىڭ پايدىسىنى بىلەمسىز؟
    كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزىلەر بەرەڭگىنى ئادەمنى سەمرىتىدىغان يېمەكلىكلەر قاتارىغا قوشۇۋالىدۇ ھەمدە بەرەڭگىنىڭ تەركىبىدە كراخمال كۆپرەك، كۆپ يەۋەتسە ئادەم ئوڭاي سەمرىپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىر بەرەڭگىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى كىشىلەر ئويلىغاندىكىدىنمۇ ئاز بولۇپ، بىر تال ئالمىنىڭكىگە تەڭ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ 10 پىرسەنتى ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئاقسىل. بەرەڭگىدە سېللۇلوزا كۆپ بولۇپ، يېگەندىن كېيىن قورساق تويغانلىقىنى ئاسانلا ھېس قىلغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاماقنى ئازايتقىلى بولىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن بەرەڭگە كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇقلىتىدىغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
    دۆلىتىمىز مېدىتسىناسى بەرەڭگە تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە دەپ قارايدۇ، ئاشقازان كېسەللىرىگە گىرىپتار بولغانلار يۇمشاق پىشۇرۇلغان بەرەڭگىنى كۆپ يەپ بەرسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، دائىم بەرەڭگە يەپ بەرسە يەنە قەۋزىيەتنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
    بەرەڭگىنىڭ بىردىنبىر يېتەرسىزلىكى شۇكى، ھەر 100 گرام بەرەڭگىدە 100 مىللىگرام ئەتراپىدا بىر خىل ماددا بار بولۇپ، ئادەمنى بەلگىلىك دەرىجىدە زەھەرلەيدۇ، ئادەم ئۇ خىل ماددىدىن 40 مىللىگرام قوبۇل قىلىسا دەرھال زەھەرلىنىدۇ، ئاپتاپتا تۇرۇپ قالغان، بىخلىنىپ قالغان بەرەڭگىدە ئۇ ماددا ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل بەرەڭگىنى ئامال بار يېمەسلىك كېرەك، قورۇما قورىغاندا ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى