• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    بارسېلونا بىلەن خانلىق مادرىد شاھلىق لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچىدا مۇسابىقىلىشىشى مۇمكىن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:37 02-02-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمى بېيجىڭ ۋاقتى 1-فېۋرال كەچتە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بارسېلونا بىلەن خانلىق مادرىد يېرىم ھەل قىلغۇچتا مۇسابىقىلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.

    بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن كوماندىلار بارسېلونا، خانلىق مادرىد، ۋالېنسىيە ۋە خانلىق بېتىس بولۇپ، ئىككى ئۇچرىشىشلىق بۇ مۇسابىقە 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋە 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بارسېلونا بىلەن خانلىق مادرىد بۇ ئىككى ئۇچرىشىشلىق مۇسابىقە جەريانىدا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، شۇڭا ئەگەر ئۇلار يېرىم ھەل قىلغۇچتا ئۇچرىشىپ قالسا، ئۇنداقتا ئىككى كوماندا 2-ئايدا بىرنەچچە كەسكىن مۇسابىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار 3-ئاينىڭ 2-كۈنى بىرلەشمىدە مۇسابىقىلىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيلارنىڭ 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ئىككى قېتىم مۇسابىقىلىشىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

    شاھلىق لوڭقىسىنىڭ 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىنتايىن كەسكىن بولدى، بارسېلونا ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا 1:6 نەتىجە بىلەن سېۋىللانى مەغلۇپ قىلىپ غەلىبە تۆت كۈچلۈككە كىردى، خانلىق مادرىد بولسا كۈچىمەيلا گىرونانى شاللىدى، خانلىق بېتىس ئىسپانىيەلىكلەرنى، ۋالېنسىيە گېتافېنى شاللىدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى