• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئالما MacBook ئۈچۈن ئەينەك پەردە بىلەن قاپلانغان كۇنۇپكا تاختىسى لايىھىلىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:36 02-02-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئالما شىركىتى MacBook ئۈچۈن يېڭى كونۇپكا تاختىسى لايىھىلىگەن بولۇپ، يېنىك ۋە ئەپچىل بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە چاڭ توزاندىن ساقلىنالايدۇ، چۈنكى ئۇ نېپىز بىر قەۋەت ئەينەك پەردە بىلەن قاپلانغان، شۇنداقلا ئۈستۈنكى قىسمىغا كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كۇنۇپكا لايىھىلەنگەن. بۇ خىل يېڭى لايىھىدە گەرچە بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئالما شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.

    بۇ خىل يېڭى شەكىلدىكى كۇنۇپكا لايىھىسى ئالمىنىڭ يېقىندىلا ئېرىشكەن بىر تۈرلۈك پاتېنتىدا ئاشكارىلانغان. بۇ خىل كۇنۇپكا تاختىسى نېپىز بىر قەۋەت ئەينەك پەردىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىر يۈرۈش كۆتۈرۈلۈپ چىققان كۇنۇپكا رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئاستى قىسمىغا بىر يۈرۈش سېنزور سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ سېنزورلار كۇنۇپكا رايونىنىڭ مۇناسىپ كىرگۈزۈش ھالىتىنى سېزەلەيدۇ، ھەم ئۈسكۈنىنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىنى ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ خىل لايىھىدە كونۇپكا بىلەن كونۇپكا ئارىسىدىكى ئارىلىق ئىنتايىن قىسقا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ كۇنۇپكىلار ئارىسىدا ئارىلىق يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، كۇنۇپكىنى باسقاندىن كېيىن يەڭگىل دەرىجىدە يۆتكىلىدۇ.

    بۇلاردىن باشقا، ئالما شىركىتىنىڭ يەنە دېيىشىچە، نېپىز ئەينەك پەردىدىن پايدىلىنىپ كونۇپكا تاختىسىنىڭ يېنىغا بىر سېزىمچان كىرگۈزۈش رايونى قۇرغىلى، ھەتتا كونۇپكا تاختىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئىككىنچى ئېكراننى لايىھىلىگىلى بولىدىكەن. ئەمما نوقۇل ھالدىكى پاتېنت ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي مەھسۇلاتقا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئالمىنىڭ كۆپلىگەن پاتېنتلىرى پەقەت ئۇقۇم ھالىتىدىلا توختاپ قالغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى