• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئاپتونوم رايونىمىز 1045 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىدۇ

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 00:31 02-02-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


      مۇخبىرىمىز دۇڭ شياۋخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ما لىياڭجى، چېڭ شۇلۇڭ خەۋىرى. يېقىندا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى «دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلىش ئېلانى»نى ئېلان قىلدى، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى تۇنجى قېتىم جەمئىيەتتىن ئاشكارا قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي قوزغىتىلدى.

      تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ قېتىم 1045 نەپەر (ھەممىسى ئەرلەر) ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنى جەمئىيەتتىن ئاشكارا قوبۇل قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە: ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنىغا 700 نەپەر قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش قوشۇنىغا 345 نەپەر قوبۇل قىلىنىدىكەن.

      تىزىملىتىش ۋاقتى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 24 تىن، 2-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 18گىچە بولۇپ، قوبۇل قىلىش توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، تىزىملاتقۇچىلار دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىش تور بېكىتى (http://xfyzl.119.gov.cn)گە تىزىملىتىپ كىرىپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىشنى توردا تىزىملىتىش سىستېمىسىدا تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ، ھەمدە سىستېما كۆرسەتمىسى بويىچە تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈپ، تەلەپ بويىچە ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى يوللىسا بولىدۇ.

      تەپسىلىي ئەھۋالنى دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىش تور بېكىتى (http://xfyzl.119.gov.cn)دىن ئىگىلىسڭىز بولىدۇ. مەسلىھەت سوراش تېلېفونى 4688142 -0991( ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتى)، 3612141 -0991(ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى).

      راھىلە ئازاد تەرجىمىسى

    مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2019/01/31/035549245.shtml


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى