• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    يەر ئاستى سەرراپخانىلىرىغا چېتىشلىق جىنايەتلەر جازالىنىدۇ

    مەنبە : mp.weixin.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 00:26 02-02-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەر ئاستى سەرراپخانىلىرىغا چېتىشلىق جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتىنى ئېلان قىلدى

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 31-يانۋار بىرلىكتە مەبلەغ چىقىمىنى قانۇنسىز راسچوت قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش، قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت ئېلىپ-سېتىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا ئائىت بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئېلان قىلدى، بۇ مەبلەغ چىقىمىنى قانۇنسىز راسچوت قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش، قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت ئېلىپ-سېتىش جىنايى پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان.
    بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا مەبلەغ چىقىمىنى قانۇنسىز راسچوت قىلىش كەسپى، قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت ئېلىپ-سېتىشنى بېكىتىش ئۆلچىمى ۋە «ئەھۋالى ئېغىر»، «ئەھۋالى ئالاھىدە ئېغىر» بولۇشنى بېكىتىش ئۆلچىمى قانۇنسىز تىجارەت جىنايىتى، پۇل يۇيۇش جىنايىتى،تېررورلۇققا ياردەم بېرىش جىنايىتىنى بىرلىشىپ جازالاش پىرىنسىپى قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمى، جازالاش پىرىنسىپى ۋە جەرىمانىگە ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى ئورۇنلار جىنايىتىنى بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ئۆلچىمى كەڭچىلىك بىلەن جازا بېكىتىش شەرتى ۋە ئۆلچىمى قاتارلىقلار ئېنىق بېكىتىلدى.
    بۇنىڭ ئىچىدە، ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا بېكىتىلگەن «مەبلەغ چىقىمىنى قانۇنسىز راسچوت قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش»قا تەۋە ئۈچ خىل ئەھۋال تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: چىقىم راسچوتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئەھۋالى، يەنى قوبۇل قىلىش تېرمىنالى ياكى توردا چىقىم قىلىش ئۇلاش ئېغىزى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ساختا سودىلىشىش، ساختا باھا قويۇش، سودا پۇلىنى قايتۇرۇش قاتارلىق قانۇنسىز يوللار بىلەن بەلگىلەنگەن پۇل تاپشۇرغۇچى تەرەپكە پۇل بېرىش ئومۇمنىڭ مۈلكىنى شەخسنىڭكىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش، نەق پۇل ئېلىۋېلىش ئەھۋالى، يەنى قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى ئورۇنلارنىڭ بانكا راسچوت ھېسابى ئارقىلىق نەق پۇل ئېلىپ بېرىش ياكى ئورۇنلارنىڭ بانكا راسچوت ھېسابىتىدىن شەخسىي ئىسچوتقا يۆتكەپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش پۇل چېكى ئارقىلىق نەق پۇل ئېلىپ بېرىش ئەھۋالى، يەنى قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى پۇل چېكى ئارقىلىق نەق پۇل ئېلىپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ۋەھاكازالار.

    مەنبە: خەلق تورى


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى